تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قومۇلنىڭ مىليون دانە مېھىر-شەپقەت نېنى خېنەنگە ياردەم ئۈچۈن يەتكۈزۈلدى

7-ئاينىڭ 21-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شياڭناڭ يېمەكلىك كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى خىزمەتچىلەر ئالدىراش مېھىر ـ شەپقەت نېنى ياقماقتا. (لى خۇا فوتوسى)

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، قومۇل شەھىرى پۈتۈن شەھەردىكى نان ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى مېھىر-شەپقەت نېنى يېقىشقا جىددىي سەپەرۋەر قىلىپ، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بەردى. ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، 1 مىليون دانە مېھىر-شەپقەت نېنى تەييارلىدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى مېھىر-شەپقەت نېنى شۇ كۈنى كەچ سائەت 23تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە توشۇلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ 24-كۈنى جېڭجوۋ شەھىرىگە يېتىپ بارىدىكەن. قومۇل شەھىرىنىڭ بۇ قېتىمقى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى 1 مىليون دانە مېھىر-شەپقەت نېنى، 200 توننا قوغۇن ھەم يېڭىدىن سويۇلغان كالا، قوي گۆشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ خېنەنگە توشۇلىدىكەن.

7-ئاينىڭ 21-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شياڭناڭ يېمەكلىك كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى خىزمەتچىلەر مېھىر-شەپقەت نانلىرىنى رەتلىك تىزىپ، ئوراپ قاچىلاشقا تەييارلىق قىلماقتا. (لى خۇا فوتوسى)

7-ئاينىڭ 21-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شياڭناڭ يېمەكلىك كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى خىزمەتچىلەر تەييار بولغان مېھىر-شەپقەت نانلىرىنى توشۇماقتا. (لى خۇا فوتوسى)

7-ئاينىڭ 21-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شياڭناڭ يېمەكلىك كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى خىزمەتچىلەر ئوراش-قاچىلاش سېخىدا مېھىر-شەپقەت نانلىرىنى يەشىككە قاچىلىماقتا. (لى خۇا فوتوسى)

7-ئاينىڭ 21-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شياڭناڭ يېمەكلىك كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى خىزمەتچىلەر مېھىر-شەپقەت نانلىرىنى يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلاپ، يولغا سېلىشقا تەييارلاندى. (لى خۇا فوتوسى)

7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 23تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، تۇنجى تۈركۈمدىكى مېھىر-شەپقەت نېنى ۋە قوغۇن لىققىدە قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئەترىتى ئېۋىرغول رايونى شياڭناڭ يېمەكلىك كەسىپلەر باغچە رايونىدىن چىقىپ، كېچىلەپ خېنەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى. (لى خۇا فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ھاللىق سەۋىيە ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ «يەكەن نۇسخىسى»
  • ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىم ئاشۇرۇش تاماق قاچىسىنى چىڭ تۇتۇش
  • شېرىن مېۋە-چېۋىلەر ھەر تەرەپكە توشۇلدى