تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بىر مەقسەتتە ئارزۇغا ئىنتىلىپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى سىزىپ چىقىش

− يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش «دۆلەت ھەرىكىتى» توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خې جۈن، لى جىخاۋ، جاڭ يەن، دىڭ لېي

پۇقرالار بەك جاپا - مۇشەققەت چەكتى، خاتىرجەم ياشايدىغان چاغ كەلدى. بىپايان جۇڭگو زېمىنىدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈلدى، ھەر جايدىكى ئامما خاتىرجەم قىلىندى.

2010 - يىلى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلاندى. ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، داۋالاش، ئىختىساسلىقلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭغا ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىش مېخانىزمى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ تەرەققىياتىغا جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

مەركەز كۆڭۈل بۆلدى، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى پۈتۈن كۈچىنى چىقاردى، 19 ئۆلكە، شەھەر زىممىسىگە ئالدى. 11 يىللىق كۈچ ئۇلاپ ياردەم بېرىش شىنجاڭدىكى 3 مىليوندىن كۆپرەك يېزا نامرات نوپۇسىنىڭ نامراتلىق بىلەن خوشلىشىشىغا، شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەڭ قەدەمدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

دۇڭخەي دېڭىزىنىڭ سۈيى كوئېنلۇننى ياشارتتى، نەنلىڭ تېغىنىڭ يېشىللىقى چۆللۈككە تارالدى. ھازىر، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنىڭ يۆگىمە رەسىمى ئاستا - ئاستا يېيىلماقتا...

بىر مەقسەتتە ئارزۇغا ئىنتىلىش ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش

شىنجاڭ خىزمىتى قىيىن، ھەممىدىن قىيىنى جەنۇبىي شىنجاڭدا، نامراتلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئەڭ چوڭ توسالغۇ.

يېشى 50تىن ئاشقان سادىقجان تاش نامراتلىقنىڭ دەردىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى كىچىك كەنتتە تۇغۇلغان بولۇپ، داشۆدە يېمەكلىك كەسپىدە ئوقۇغان. مەكتەپ پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتقاندا، ئۆگەنگەنلىرى ئارقىلىق يۇرتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىرادە باغلىغانىدى.

2019 - يىلى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋە گۇاڭدۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەدىتىدىن نەپ ئالغان 50 ياشلىق سادىقجان تاش كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىگىلىگەن ياغ تارتىش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، يۇرتىدا كىچىك ياغ زاۋۇتى قۇردى.

ياغ زاۋۇتىنىڭ كۆلىمى كىچىك بولغاچقا، خىزمەتچىلەرنىڭ سانىغا تۈرتكە بولۇش چەكلىك بولدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار سادىقجان تاشنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى قىيىن نۇقتىسىنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقىدى. 2020 - يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش پەيتىدە، گۇاڭدۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ئاچقۇچلۇق «باشلامچى»نى يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلىپ، سادىقجان تاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 بېيىش باشلامچىسىنى يېتىشتۈرۈش ئوبيېكتى قىلىپ تاللاپ، جەمئىي 5 مىليون 400 مىڭ يۈەن قوللاش مەبلىغى ئاجراتتى.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە تېخنىكا مەدىتى بولغاچقا، سادىقجان تاش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتتى، ئارقىدىنلا يەنە ئىككىنچى ياغ زاۋۇتىنى قۇردى. نۆۋەتتە، كارخانا خىزمەتچىسى 48گە يەتتى، بۇلارنىڭ %70ى ئىلگىرىكى نامرات ئاھالە ئىدى. «ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدى» دېدى سادىقجان تاش پەخىرلەنگەن ھالدا.

گۇاڭدۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىدە ئىقتىسادىي ياردەم قىلغان بېيىش باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش تۈرى ئارقىلىق، 2000دىن كۆپرەك ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا قەدەم قويدى.

2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 3 مىليوندىن كۆپرەك نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، مىڭ يىللىق مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى. بۇ مەيدان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچلىرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. 2019 - يىلىدىن بۇيان، مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭدا جەمئىي 265 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدى، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر ئاجراتقان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى جەمئىي 50 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى شىنجاڭ قۇرۇمقاش شەھىرى چۆللۈكتە ئەمدىلا قۇرۇلغان يېڭى شەھەر. قۇرۇمقاش شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، 70 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىپ قۇرغان داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش - ساقلىقنى ساقلاش، ساغلاملىق تەربىيەسى، يېمەكلىك تازىلىقىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق فۇنكسىيەلىك ئىقتىدارى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن زامانىۋى دوختۇرخانا بولۇپ، 2018 - يىلى 10 - ئايدا ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلۇپ، قۇرۇمقاش شەھىرىدە ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك دوختۇرخانا بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى.

11 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 19 ئۆلكە، شەھەر خەلق تۇرمۇشى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساھەسىدە سىجىل ئەجىر قىلىپ، ئىلغار قاتتىق دېتاللارنى «كىرگۈزۈپ»لا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارغا جىددىي كەمچىل بولۇۋاتقان ئىختىساسلىقلارنى سىجىل تاللاپ ئەۋەتىپ، «قان بېرىش» بىلەن بىللە «قان ئىشلەش»كە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى.

بۇ شەھەردىكى بىردىنبىر كەسپىي بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر يۈ لىجۈەن زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى، «بۇ يەردە يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ بار، بالىلار ناھايىتى كۆپ، بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بولغان ئېھتىياج ئىنتايىن چوڭ».

ھەر كۈنى نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان قۇملۇققا نەزەر سېلىپ، يۈ لىجۈەننىڭ شۇ جاينىڭ بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى تېزدىن ئۆستۈرۈپ، ئىلغار ئىدىيە ۋە تېخنىكىنى ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرىغا ئۆگىتىش ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى. «بىر ياخشى بولغان بالىلار كېسەللىكلىرى كەسپىنى قۇرۇش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ».

خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ بولىدۇ.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %80ىنى داۋالاش، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئاجرىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال، ئەڭ تەخىرسىز بولغان خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

ئاقما لىنىيەنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئوخشاش ئىش كىيىمى كىيگەن ئاياللار لىققىدە ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇلار چېتىش، تىكىش قاتارلىق ئىش تەرتىپىنى ناھايىتى تېزلىكتە تاماملايتتى. ئاقما لىنىيەنىڭ ئاياغ تەرىپىدە، ھەربىر يۈرۈش كىيىم - كېچەكنىڭ «يېتىپ بېرىشى» بىلەن، شۇ ھامان تېزدىن ئوراپ قاچىلىنىپ شەرقىي قىسىمدىكى پورتلارغا توشۇلاتتى.

بۇ كۆرۈنۈشنى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى چوڭ بوستانلىق شەھەرلىرىدە دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كۆپ ساندىكى ئىشچىلار بىرنەچچە يىل ئىلگىرى تېخى چىرايىدىن توپا يېغىپ تۇرىدىغان دېھقان ئىدى، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش زور بىر تۈركۈم ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارغا سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

يالغۇز پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىنى ئېلىپ ئېيتساق، 2020 - يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 20 مىليون 380 مىڭ ئۇرچۇققا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پاختا توقۇمىچىلىق كەسپى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ %17.6ىنى ئىگىلەپ، جەمئىي 600 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە توقۇمىچىلىق كەسپىدىكى مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندى. كەسىپنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشىدىن بولدى، بۇ 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەسىپلەرنى شىنجاڭدا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىشتىكى ئەجرىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ.

ئون مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش قەلبداش بولۇپ قولنى قولغا تۇتۇشۇش

ئامما بىلەن بىللە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپە، خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلەت ھەرىكىتىنىڭ غايەت زور يۆگىمە رەسىمى − ھەر مىللەت، ھەر ساھەنىڭ ئالاقىلىشىش ھېكايىلىرىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان توپلىمى.

قېرىنداشلىق گۈللىرى ئېچىلدى، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولدى. «بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق»تىن ئىبارەت ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنىڭ ئارقىسىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ يىلتىز تارتىپ ئۆسۈشى بار.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى 17 مىڭغا يېقىن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ياڭگۇەندىن ئۆتۈپ تىيانشان ئېتىكىگە كەلدى. ۋەتىنىمىزنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان تۇپراقتا، ھەرقايسى جايلاردىكى شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى يىمىرىلمەس قوشۇن داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

2010 - يىلىدىن بۇيان، 15 مىڭدىن ئارتۇق شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىپ، يېتەكلەپ، يەرلىكتىكى 145 مىڭدىن كۆپرەك كادىر، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم شىنجاڭدىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈردى، تېخىمۇ مۇھىمى چېگرا رايونلارنىڭ ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرى بىلەن ھەمتۈرتكىلىك ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شاگىرت گۆھەرگۈل جېجياڭ نىڭبوغا قايتىش ئالدىدا تۇرغان تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى خۇاڭ فاڭغا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خاس چىمەن دوپپىسىنى كىيگۈزۈپ قويدى.

بىر يېرىم يىلدىن بۇيان، خۇاڭ فاڭ 1200 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئايالنى قوبۇل قىلدى، ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمى يۇقىرى بولۇش، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىشىش، قانسىراش خاراكتېرلىك شۈك بولۇپ قېلىش قاتارلىق خەتەرلىك، ئېغىر ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئايالدىن 40 نەچچە ئادەم قېتىمنى جىددىي قۇتقۇزدى، لەۋھە قوبۇل قىلىش قېتىم سانىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. «باشقىلارنىڭ سىزگە ئېھتىياجى چۈشۈشى بىر خىل بەخت.» خۇاڭ فاڭ يەنە كۇچا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ كىلىنىكىلىق داۋالاشنى قېلىپلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.

ئالدىنقى سەپ بىلەن ئارقا سەپ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كەلدى، تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلدى، پۈتۈن جەمئىيەت قاتناشتى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ياردەم بېرىۋاتقان جاينىڭ بايلىقى ۋە تېخنىكىسىنى ئېلىپ كېلىپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ تېز ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بەردى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش پائالىيىتى»گە پائال قاتنىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن 10 مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، ئىئانە قىلغان پۇل، ماددىي بۇيۇمنىڭ سوممىسى 74 مىليون 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولدى، ھەرقايسى جايلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى يەنە «كىچىككىنە ئارزۇسى»نى يورۇتۇش، ياشلار، ئۆسمۈرلەر «قول تۇتۇشۇش»، ھېسسىيات يۇغۇرۇش يازلىق لاگېرى، پۇتبول مۇسابىقىسى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. ھەر خىل شەكىلدىكى ئالاقە نەچچە مىڭ كىلومېتىردىن ھالقىدى.

2018 - يىلى 11 - ئايدىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئىلىنىڭ مائارىپ، پوچتا قاتارلىق تارماقلىرى جياڭسۇ - ئىلى ئىككى جايدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر «تۈمەن چاقىرىم يىراقلىقتىن ياۋا غازلارنىڭ چىن ھېسسىياتىنى يەتكۈزۈش» قول تۇتۇشۇپ خەت - ئالاقە قىلىش، دوستلىشىش پائالىيىتىنى ئورتاق قانات يايدۇردى.

خەت ئالاقىسى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى «ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى»غا تۇتاشتۇردى. قورغاس شەھەرلىك سۇگاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئايمان ليەنيۈنگاڭدىكى دوستىغا مۇنداق دەپ خەت يازغانىدى: «گەرچە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن سىزنىڭ تونۇشتۇرۇشىڭىز بىلەن، مەن خۇددى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بولدۇم. ئەگەر پۇرسەت بولسا، مەن چوقۇم تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ بىۋاسىتە ھېس قىلىمەن، ۋاقتى كەلگەندە سىز مېنىڭ كىچىك ساياھەت يېتەكچىم بولۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ».

شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلار ۋە ياردەم بېرىۋاتقان جايلاردىكى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا «قەلب كۆۋرۈكى» سالدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كەڭ ئالاقىلىشىش، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى.

بوشاشماي كۈرەش قىلىش شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى ئورتاق سىزىپ چىقىش

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىرادىدىن يانماي يېڭى كۈرەشكە ئاتلىنىش.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى كۈچلەر قەدىمىنى توختاتماي، ئارام ئالماي، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توختىماي تۈرتكە بولۇپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

− بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شەندۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 132 تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەم بەردى، مەبلەغ سېلىش ئومۇمىي سوممىسى 20 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى، بىر تۈركۈمنى ماكانلاشتۇرۇش، بىر تۈركۈم بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش، بىر تۈركۈمنى زاپاس ساقلاشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭغا داۋاملاشما ياردەم بېرىشكە پۇختا ئاساس سالدى؛

− جياڭسۇنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ قوللىشىدا، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قورغاس پورتىدا چېگرادىن كىرىپ چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 79 كۈن بۇرۇن 3000دىن ئاشتى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى «نۇرلۇق مەرۋايىت» بارغانسېرى كۆزنى قاماشتۇردى؛

− تيەنجىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە 18 كادىر، ئىختىساسلىقنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېزا - بازارلىرىغا بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە تاللاپ ئەۋەتىپ، يېزا - كەنت كەچلىك بازىرى قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىشى، كەنت، مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

...

شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى دەسلەپكى مەقسەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش.

ھازىر تومۇز ياز مەزگىلى، ئالما ئۈزۈش مەزگىلىگە يەنە ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت بار. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى نۇرغۇن باغۋەن بالدۇرلا مال تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

ئىلگىرىكى بىرنەچچە يىلدا، توشۇش ئارىلىقى بەك ئۇزۇن بولغاچقا، بۇ جايدىكى ئالمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خاس مېۋىلەردە سېتىش تەس بولۇش، ئەرزان سېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنىدى.

2017 - يىلى 8 - ئايدا، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان جېجياڭ ئۆلكىسى مەۋقەنى ئۆزىنىڭ بازار ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «10 شەھەر، 100 دۇكان» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۆلكە ئىچىدىكى ئون شەھەردە شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەخسۇس دۇكىنى ئېچىپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشىغا ياردەم بەردى.

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جۇ لىنسېن مۇنداق دېدى: «10 شەھەر، 100 دۇكان» ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى «100 شەھەر، 1000 دۇكان»غا ئۆستۈرۈلىدۇ ھەم تيەنماۋ سودا شەھەرچىسى، يۈنجى مىكرو دۇكىنى قاتارلىقلار ئارقىلىق تور بازىرىغا ئۇلىنىدۇ.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىدۇر.

شېنجېن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە شېنجېن، قەشقەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، ئۆگىنىشتە، پىكىر ئالماشتۇرۇشتا بىللە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى جايدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ خۇنەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش دوختۇرلىرىنى نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ «ئائىلە دوختۇرى» مۇلازىمەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئاغرىقلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىش داۋامىدا ھېسسىياتنى كۈچەيتتى؛ شاڭخەي شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرىنى ۋاسىتە قىلىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى قەشقەرگە كىرگۈزدى ھەم نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتتى.

شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى رىشتە قىلىش ئارقىلىق، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت گۈزەل كۆرۈنۈش شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا نامايان بولماقتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت تەسىرلىك ھېكايىلەر ھەر كۈنى يېڭىلانماقتا.

نىڭبو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى شەن جىچېڭ مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەردە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەش كېرەك».

دۆلەت كۆڭۈل بۆلمەكتە، قېرىنداشلار بىر نىيەتتە بولماقتا، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد بار!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.