خەلق تورى بېيجىڭ 7-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيى جەمئىيەتتىكى ئاممىغا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، كۆرگەزمىخانىدا كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىسى 2600 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 3500 يۈرۈشتىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ماددىي بۇيۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشقىچە بولغان جەريان تۆت قىسىمغا بۆلۈنۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان 100 يىللىق مۇساپىسىنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ھالدا تارىخىي داستاندەك نامايان قىلغان.