تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەدىن پەخىرلىنىپ، ئۇلۇغ ئارزۇغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى

«پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىجىل كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلدۇق، غەيرەت ـ جاسارەتنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلاندۇق.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى جاراڭلىق، كۈچلۈك بولدى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى مۇساپىدە، داۋاملىق جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئېلىشىمىز.

«بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <1 ـ ئىيۇل>دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇلۇغ چاقىرىقىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.» شىخو شەھىرى خاتۇبۇخ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گاۋ شاۋلېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، «ئىشلەش»نى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، خاتۇبۇخ بازىرىنىڭ يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ساغلاملىق ـ كۈتۈنۈشكە، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا ـ كەنت بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.

«مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە، جەزمەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، بارلىق كەنت ئاھالىسىنى يېتەكلەپ باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق خىزمەتلەرنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش، تەرەققىياتنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز» دېدى لوپ ناھىيەسى ھاڭگىيا بازىرى پىلەڭئېرىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەت تۇرسۇن.

چىڭگىل ناھىيەلىك يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ كادىرى خې جىپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كەسىپ تەرەققىياتىنى چىڭ تۇتۇپ، كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشتا قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۇختا خىزمەت نەتىجە ـ ئۈنۈمى ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سادىقلىق، مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىمىز.

«پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىمىزغا ياردەم بەردى، كۆپچىلىكنىڭ يانچۇقى تومپايدى، ئىدىيە جەھەتتىمۇ ئالغا باستى. بۇنىڭدىن كېيىن مەن داۋاملىق تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىمەن، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يۇرتىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېدى مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس، ئاقچى ناھىيەسى سۇمتاش يېزىسى ئاقتالا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دۈيشەن چوكەش.

(مۇخبىرىمىز پەرىزات ئابدۇل، قاتناشقان مۇخبىرلار سۇڭ ۋېيگو، جاڭ تىڭ، رايىدە، سۇڭ ياۋېن، جەزىرە نېسىپبېك)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.