تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«مەغرۇر قەدەم تاشلىدۇق يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئىلھامى بىلەن»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«مەغرۇر قەدەم تاشلىدۇق يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئىلھامى بىلەن»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 7 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى «مەغرۇر قەدەم تاشلىدۇق يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئىلھامى بىلەن» ناملىق تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ دەقىقىدە، 100 يىللىق كۈرەش قىلىش مۇساپىسى مۇجەسسەملەندى.

بۇ دەقىقىدە، گۈللىنىشنىڭ پارلاق ئىستىقبالى نامايان قىلىندى.

مىلادىيە 2021 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، ھەم ۋاقىتنىڭ ئىسترېلكىسى، ھەم جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆلچىمى.

ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى قانداق روھىي ھالەت ۋە كۈرەش قىلىش ئەمەلىي نەتىجىلىرى بىلەن بۇ ئۇلۇغ پەيتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ؟

ئەسىر ئىمتىھان سوئالىغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆز قولى بىلەن جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

«تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى بىزنىڭ قولىمىزغا يەتكۈزۈلدى... چوقۇم مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ۋەتەنگە سادىق بولۇپ، خەلققە سادىق بولۇپ، ئەڭ زور ئەقىل ـ پاراسىتىمىز، كۈچىمىز، يۈرەك قېنىمىز بىلەن تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك».

ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى بىلەنلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى −

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ!

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى داۋاملاشتۇرۇش، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا تىرىشىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، پۈتۈن پارتىيەگە، خەلققە، تارىخقا ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: تارىخقا يۈز كېلىش دەۋرگە يۈز كېلىش − ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش؛ روھقا ۋارىسلىق قىلىش كۈچكە ۋارىسلىق قىلىش − مەڭگۈ ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش؛ خەلقنى كۆزلەش خەلققە تايىنىش − ھەممە بىر نىيەتتە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش؛ كەلگۈسىگە جاكارلاش كەلگۈسىنى يارىتىش − ئىمتىھانغا بېرىش يېڭى يولىدا ياخشى مېڭىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ زور شان ـ شەرەپ كەلتۈرۈش.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ مەنزىلى پارلاق. يېڭى مۇساپىنىڭ يىغىلىش سىگنالى چېلىندى.

1922 ـ يىلى 7 ـ ئايدا قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا بىر يىل بولغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا جاھانگىرلىككە، فېيودالىزمغا ئۈزۈل ـ كېسىل قارشى تۇرىدىغان دېموكراتىك ئىنقىلاب پىروگراممىسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ياشىسۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى» دېگەن مەردانە سۆزنى ئېلان قىلدى.

1949 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، قۇرۇلغىنىغا 28 يىل بولغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى، تيەنئەنمېن راۋىقىدا، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرغۇچىسى قول ئىشارىسى قىلىپ «ياشىسۇن خەلق» دەپ يۇقىرى ئاۋازدا تەنتەنە قىلدى.

2021 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، قۇرۇلغىنىغا 100 يىل بولغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنى يېتەكلەپ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، يېڭى دەۋرنىڭ يول باشلىغۇچىسى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ياڭراق بۇرغىسىنى چالدى −

«ياشىسۇن ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى!»

«ياشىسۇن ئۇلۇغ، شەرەپلىك، قەھرىمان جۇڭگو خەلقى!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.