تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردە ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردە ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە گەۋدىلىك سىياسىي ئەۋزەللىكى، بارلىق خىزمەتلەرنىڭ جان تومۇرى. ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك. «پىكىر» ئومۇمىي تەلەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم شەكلى قىلىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، ئاساسىي قاتلام ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى دەۋردە ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنىڭ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىدىغان چوڭ ئەندىزە بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئالتە قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ھەقىقىي تۈردە كۈچەپ ئالغا سىلجىتتى، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى مۇھىم رولى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى ۋەزىيىتىدە ئومۇمىي ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى.

«پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يېڭى دەۋردە ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم شەكلى قىلىپ، ئاساسنى پۇختىلاش، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش، تۈزۈملىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلىشىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردە ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ فاڭجېن، پىرىنسىپى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، خىزمەتنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى تەربىيەلەپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىش، ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش. پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە باشقا تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى كۈچلۈك سىياسىي ۋە ئىدىيەۋى كاپالەت بىلەن تەمىنلەش. ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشكارا تەربىيە بىلەن يوشۇرۇن تەربىيەنى، ئىدىيەۋى مەسىلىنى ھەل قىلىش بىلەن ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنى، كەڭ دائىرىدە قاپلاش بىلەن تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز يېرىنىڭ، ئادەملەرنىڭ، ئىشنىڭ، ۋاقىتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش. توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاش.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم شەكلى قىلىش كېرەك. پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى ۋە ئالغا سىلجىتىش قەدەم - باسقۇچلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىدىكى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىغا بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە پارتىيەنى قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت ۋە تۈزۈلمە، تۈزۈم ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، جەمئىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش، خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. غايە، ئېتىقاد تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق - تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ماركسىزملىق ماتېرىيالىزم ۋە ئاتېئىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تەربىيەلەپ يېتەكلەش، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېتىلدۈرۈش، تۈزۈم جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە پۇقرالار تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە ۋەزىيەت - سىياسەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى بايرىقى روشەن ھالدا تارىخىي ئىنكارچىلىققا قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك. سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇن تەشۋىق - تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانۇن، نىزام ۋە قانۇن نەزەرىيەسى ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش تەشۋىق - تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئاڭلىق ھالدا كۈرەش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق يېڭى زېمىن ئېچىپ، يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت - باشقۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش، كارخانا روھىنى يېتىلدۈرۈش، كارخانا مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيە جەھەتتە تۈگۈننى يېشىش، روھىي جەھەتتە غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىش، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، پىسخىكا جەھەتتە بېسىمنى يېنىكلىتىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دەۋر يېڭى ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چىرىك، قالاق مەدەنىيەتنىڭ چىرىتىشىنى توسۇپ، غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان يېڭى دەۋر دېھقانلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئورگانلارنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئورگانلارنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئورگان ئېڭى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەمۇنىلىك ئورگان بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان، ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ چىقىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. مەھەللىلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئۆزى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشقا ئالاقىدار تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەھەللىلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى دائىرىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ ماسلىشىش رولىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. تور ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تور مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، توردا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تور ئارقىلىق جەمئىيەت باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكى بىلەن ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالاقە تورىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشچان مىقدارنى كەسىپ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئاشۇرۇلما مىقدارغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك توپلارنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئاممىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئاستىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردە ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنىڭ توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەۋى ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشى، قىممەت يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى باش تېما تەشۋىقاتى، ۋەزىيەت تەشۋىقاتى، سىياسەت تەشۋىقاتى، مۇۋەپپەقىيەت تەشۋىقاتى، تىپ تەشۋىقاتىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە گېزىتى - پارتىيە ژۇرنىلى، رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي شەھەر تۈرىدىكى گېزىت - ژۇرنال ۋە يېڭى تاراتقۇ قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك تاراتقۇلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاخبارات ئاممىۋى پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، مۇھىم ئەنئەنىۋى بايرام، مۇھىم، چوڭ بايرام، خاتىرە كۈنلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، قائىدە - يوسۇن تۈزۈمىنىڭ تەربىيەلەپ تەسىرلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەخلاق ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنى بېيىتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىدىيەۋى قاراش، روھىي قىياپەت، مەدەنىي كەيپىيات، ھەرىكەت ئۆلچىمى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت ئارقىلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شەھەر - يېزا ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دەۋر نەمۇنىچىلىرى، ئەخلاق ئۈلگىلىرى، ئەڭ گۈزەل شەخسلەر، ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر قاتارلىقلاردىن ئۆگىنىش ۋە ئۇلارنى تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى سىجىل ياخشى سۆزلەپ، ئىلغارلار، نەمۇنىچىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۈلگىنىڭ كۈچىنى يۈز مىليونلىغان ئاممىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئادىمىيەت غەمخورلۇقى ۋە پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قاتلام بىلەن ئالاقە باغلاش، پارتىيە ئەزالىرى ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش خىزمەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت پىسخىك مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە يېتەكلەش مېخانىزمى، خەۋپكە ئارىلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ھەرىكەت ھالىتىنى تەكشۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئاقىلانە، سالماق، پائال ئالغا ئىنتىلىدىغان جەمئىيەت پىسخىكىلىق ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش چوڭ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، تەشۋىقات تارماقلىرى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى ئىش تەقسىملىۋېلىپ مەسئۇل بولىدىغان، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت چوڭ ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەخسۇس خىزمەت بىلەن قوشۇمچە خىزمەت بىرلەشتۈرۈلگەن خىزمەت قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت تايانچ قوشۇنىنى تولۇق، كۈچلۈك سەپلەپ، قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان خىزمەت قوشۇنىنى تولۇقلاپ، ئەلالاشتۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمەت قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، بارلىق خادىملارنى تەربىيەلەشنى پىلانلىق، قەدەم - باسقۇچلۇق قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت خادىملىرىنىڭ كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىنى باھالاش - تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت كەسىپ ئەھلىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى ۋە بازىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش بازىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قاتارلىقلارنى پىلانلاش، قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش، ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت ئۈلگە نۇقتىسى قۇرۇش كېرەك. ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسى ئورنىتىپ، مەزمۇنى تولۇق، كۆرسەتكۈچى مۇۋاپىق، ئۇسۇلى ئىلمىي بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى باھالاش سىستېمىسى ئورنىتىپ، باھالاش نەتىجىسىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش، تەكشۈرۈش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى، رەھبىرىي كادىرلارنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، «يۇمشاق كۆرسەتكۈچ»نى «قاتتىق چەكلىمە»گە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.