«يېڭى دەۋردىكى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرى سەييارە كۆرگەزمىسى» دۆلەت مۇزېيىدا نامايان بولدى.
خەلق تورى خەۋىرى 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر دۆلەت مۇزېيىدا «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىش، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىش —— يېڭى دەۋردىكى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرى سەييارە كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمە 7-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلەت مۇزېيىدا باشلاندى، كۆرگەزمىدە 2700 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 185 پارچە ماددىي بۇيۇم، 3000 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ئارقىلىق پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان بولۇپمۇ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر جانلىق نامايان قىلىندى. دۇ جيەنپو فوتوسى