تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەۋرگە يۈز كېلىمىز، ياشلىق باھارىمىزغا يۈز كېلىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياشلارنى تىرىشىپ كەلگۈسىنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

كەلگۈسى ياشلارغا مەنسۇپ، ئۈمىد ياشلاردا. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ياشلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: غايە - ئېتىقادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، دەۋرگە يۈز كېلىپ، ياشلىق باھارىمىزغا يۈز كېلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، ياشلار توپى ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى.

«باش شۇجى <بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردۇق> دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىغاندا، مەن ئۇزاققىچە ھاياجېنىمنى باسالمىدىم. پارتىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو خەلقى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.» شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى چى لياڭزې يۇرتىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى. پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن، ئۇ پارتىيە تەشكىلاتىغا پائال يېقىنلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئۆگىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا ئىرادە باغلىدى.

«دەۋرگە يۈز كېلىشىمىز، ياشلىق باھارىمىزغا يۈز كېلىشىمىز، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك!» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىغا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇرچىن ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئايجارىق ئادىلمۇرات مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 100 يىلدا، سانسىزلىغان ياشلار ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، باتۇرلۇق بىلەن قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، ياشلىق كۈرىشىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا سىڭدۈردى. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىمتىھانغا بېرىش يېڭى يولىدا، ئىتتىپاق كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى بېغىشلاشقا يېتەكلەيمەن.

شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى ماھىرە ئەمەتجان مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مۇنەۋۋەر سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، كىشىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىمەن.

ياشلار ھەم ئارزۇغا ئىنتىلگۈچى، ھەم ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغۇچى. «يېڭى 100 يىلدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزنىڭ چوقۇم بۈركۈتتەك قانات قېقىپ، كۆكتە پەرۋاز قىلىپ، ياشلىق باھارىمىزغا يۈز كېلەلىشىمىز توغرىسىدا چاقىرىق چىقاردى.» شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ياڭ شۆچىن مۇنداق دېدى: «مەن باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، دەۋر بۇرچىنى زىممەمگە ئېلىپ، ياشلىق باھارىمنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا جۇلالاندۇرىمەن».

(مۇخبىر جاۋ شىيا، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، لى لىن، سۇ لۇپىڭ، يىن لۇ، لياڭ لىخۇا، ما يىنىڭ، يەن شياۋتيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.