تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

شىنجاڭدىكى بايقاش丨شىنجاڭ گۇما ناھىيەسى: قۇملۇق چېتىدە بەرپا قىلىنغان سۇ دۇنياسى

  ئاپتورى: يىن لۇ

 «قۇملۇقتىكى سۇ دۇنياسى» ئالدىدىكى كۆپتۈرمە ئويۇنچۇق. (ۋاڭ ۋېييۈەن فوتوسى)

  7-ئايدا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي جەنۇبىي چېتىدە پىژغىرىم ئىسسىق بولىدۇ. شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى ئاياغ چودا كەنتىدىكى «قۇملۇقتىكى سۇ دۇنياسى»غا كىرگىنىمدە، بىردىنلا سالقىنلاپ قالدىم. بالىلارنىڭ خۇشال كۈلكە، ئويۇن-چاقچاق ئاۋازى، «پولتۇڭ، پولتۇڭ» قىلىپ سۇغا سەكرىگەن ئاۋازلار پات-پات ئاڭلىنىپ تۇراتتى. يازلىق تەتىل يېتىپ كېلىشى بىلەن بۇ جاي تېخىمۇ قىزىپ كەتكەنىدى.

  «ئىلگىرى، بۇ يەردە قۇمدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى، قۇملۇق چېتىدە سۇ ئۈستى باغچىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كىممۇ ئويلىسۇن؟ بۇ يەردە ئىشلەپ قالىدىغانلىقىمىزنى تېخىمۇ ئويلىمىغانىدۇق! <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىزگە ياردەم بېرىپ ھەممىنى ئۆزگەرتتى.» 7-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەردە، كەنت ئاھالىسى ئابدۇسالام مەخمۇت سايمان خالتىسىنى مۈرىسىگە ئارتىپ، «قۇملۇقتىكى سۇ دۇنياسى»غا ئىشلىگىلى كېتىۋېتىپ: «مەن ساياھەتچىلەر كېلىشتىن بۇرۇن بارلىق كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى بىر تەكشۈرۈپ چىقىمەن» دېدى.

بالىلار سۇ ئوينىماقتا. (ۋاڭ ۋېييۈەن فوتوسى)

  2020-يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسى ئاياغ چودا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆزەتكەندىن كېيىن، مەۋقەنى كەنتنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، دەيشى ساياھەت شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، 3 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، بۇ يېزا-كەنت سۇ ئۈستى باغچىسىنى ئېچىپ قۇرۇپ، شۇ يىلى 6-ئايدا تىجارەت باشلىدى.

  «سۇ دۇنياسىدىكى كۆلچەكلەرگە كەنتنىڭ كۆكەرتىش، سۇغىرىش قۇدۇقىدىكى سۇ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، سۇ قەرەلىدە ئالماشتۇرۇلىدۇ، ھەر كۈنى تازىلاپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئىشلىتىلىپ بولۇنغان سۇ داۋاملىق باغچىدىكى ئېكولوگىيەلىك كۆكەرتىش ئورمىنىنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغىلى، يەنە ساياھەت ئارقىلىق كەنتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ» دېدى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ۋاڭ ۋېييۈەن.

  ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، «قۇملۇقتىكى سۇ دۇنياسى»دا سۇ ئۈستى قەلئەسى، دولقۇن تېيىلىش، قۇملۇق دالىدا يۈرۈش، قۇملۇق ئىلەڭگۈچى، ئاۋازلىق فونتان، توردا ئالقىشلانغان كۆۋرۈك قاتارلىق ئون نەچچە خىل كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بار بولدى، بۇنىڭغا يەنە ئەتراپتىكى بۈك-باراقسان دەرەخلەر ئارىسىدىكى يول، ياغاچتا ياسالغان نەپىس رېشاتكا، ئاسما يول، ئوت-چۆپتىن ياسالغان چوڭ كۈنلۈكلەرنى قوشقاندا، بۇ جاي خۇددى دەريا ياقىسىدىكى كىچىك بازارغا ئوخشاپ قالغانىدى. تىجارەت باشلىنىپ بۈگۈنگىچە، ئاياغ چودا كەنتىدىكى «قۇملۇقتىكى سۇ دۇنياسى» جەمئىي 60 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

بالىلار قولدا ئايلاندۇرۇلىدىغان قولۋاق ھەيدىمەكتە.  (ۋاڭ ۋېييۈەن فوتوسى)

  «قۇملۇقتىكى سۇ دۇنياسى» بالىلارنىڭ سۇ ئوينايدىغان باغچىسى ۋە ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ سالقىندايدىغان ياخشى جايى بولۇپلا قالماي، يەنە 45 كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەتراپتىكى يېمەك-ئىچمەك، تىرانسپورت كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 30 نەچچە كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولدى.

  بۇ بىر يىلدا ئابدۇسالام كۆپ تۈرلۈك بىخەتەرلىك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، ئادەتتىكى ماشىنىلارنى رېمونت قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگىنىۋالدى، يېقىندا يەنە مەبلەغ سېلىش شىركىتىدىكى ئوقۇتقۇچىسىدىن سەيلە-تاماشا باغچىسىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەندى. «ئابدۇسالامغا ئوخشاش، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى بۇ يەردە ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىنى ئۆگىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلار خىزمەت ئارقىلىق بېيىش ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى» دېدى ۋاڭ ۋېييۈەن.

  ساياھەتچىلەر گۇما ناھىيەسىدىنلا كەلمەيدۇ، يەنە خوتەن شەھىرى، قاراقاش ناھىيەسى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىن مەخسۇس كېلىدىغانلار بار. يېمەك-ئىچمەك دۇكىنىنىڭ لوبىنى ئوبۇل ياسىن ئاۋۇت ھەپتە ئاخىرى كەلسىلا ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى، «بۈگۈن قاراقاش ناھىيەسىدىن ساياھەت ئۆمىكى كېلىپ، ماڭا ئىككى ۋاق تاماق تەييارلىشىمنى، كاۋاپ، بېلىق كاۋىپى يەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، ھەم ئالدىراش بولىمەن، ھەم پۇلمۇ تاپالايمەن» دېدى ئۇ.

  «<قۇملۇقتىكى سۇ دۇنياسى>نى بەرپا قىلىش ھەم ئاممىنىڭ مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىمۇ ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ، ھەم مەدەنىي تۇرمۇش يېڭى كەيپىياتىنى تارقىتىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى ئاياغ چودا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ گولىڭ.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئاياغ چودا كەنتى «قۇملۇقتىكى سۇ دۇنياسى»نى مەركەز قىلىپ، ئۆسۈملۈك باغچىسى، گۈل-گىياھ باغچىسى، ئۈزۈش باغچىسى قاتارلىق مەدەنىيەت-ساياھەت تۈرلىرىنى ئېچىپ، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، دالا ھەرىكىتى، ئىستىراھەت-دەم ئېلىش بىر گەۋدە قىلىنغان ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى