تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا

□گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 12 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن، كۆپ خىل شەكىلدىكى، قاتلاملارغا ئايرىلغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، كاللىغا ۋە قەلبكە سىڭدۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي ئۆگىنىپ، ھەقىقىي بىلىپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، ھەقىقىي ئىشلىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەلبكە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە تارىخ، رېئاللىق، كەلگۈسى تۇتاشتۇرۇلغان، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇ تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە ئىگە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى ھازىرقى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلىشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشتە، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلغان شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ جەڭگىۋارلىققا ئىلھام بېرىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىش كېرەك؛ ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك؛ تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش تۈپ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قەتئىيلىك، تېخىمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىش كېرەك؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن چىقارغان ئۇلۇغ چاقىرىقىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش، دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققانلىقىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ كۈچى ۋە بايلىقىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن، ئاممىغا يۈزلەنگەن ئوبيېكتلاشتۇرۇلغان، ئوبيېكتلىرى ئايرىلغان، ھەمتۈرتكىلىك لېكسىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نەزەرىيە تەتقىقاتى، ئىزاھلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك مۇھىم پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنىڭ سىستېمىلىق، چوڭقۇر بولۇشى، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى كېيىنكى باسقۇچتىكى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، بۇنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى ئۆگىنىپ چىقىش، ئېتىقاد، مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۆگىنىپ چىقىش، تىرىشىپ ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ئاۋازلىق، ئىستېرېئولۇق شەكىلدە ياخشى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ياخشى، سوتسىيالىزم ياخشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ياخشى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ياخشى، ھەر مىللەت خەلق ياخشى دەيدىغان دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ياڭرىتىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.