خەلق گېزىتى ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىدۇ
«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا ئائىت ئۇنىۋېرسال بايان»
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان خەلق گېزىتى 7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا ئائىت ئۇنىۋېرسال بايان» تېمىلىق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بۇ يەردە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە ۋاكالىتەن مۇنداق تەنتەنىلىك جاكارلىدى − پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىجىل كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلدۇق، غەيرەت ـ جاسارەتنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلاندۇق.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتى ھارماي ـ تالماي ئىزدەنگەن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئالغا قاراپ يېڭى بىر چوڭ قەدەم تاشلاندى!
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مۇھىم بايانلارنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، بىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىدىكى ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ماقالە يەتتە قىسىمغا بۆلۈنگەن: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پارتىيەمىزنىڭ خەلققە، تارىخقا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى؛ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش؛ پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش؛ خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى باشتىن ـ ئاخىر ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھات ـ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش؛ مۇھىت دېمەك خەلق تۇرمۇشى دېمەكتۇر، يېشىل تاغ دېمەك گۈزەللىك دېمەكتۇر، كۆك ئاسمان دېمەك بەخت دېمەكتۇر؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشى كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئۆتكەن 100 يىلدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە، تارىخقا ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ھازىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يەنە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىمتىھانغا بېرىش يېڭى يولىغا قەدەم قويدى».
«ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە ئاتلىنىش قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ!