تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​«كەڭ جاھانغا تىرەك بولدى بۇ چوققا − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلانغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى​

«كەڭ جاھانغا تىرەك بولدى بۇ چوققا − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلانغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى «كەڭ جاھانغا تىرەك بولدى بۇ چوققا − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلانغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن تارىخىي جەريانىنى قايتا ئەسلىگەندە، مۇنداق بىر چوڭقۇر مەنىنى ھېس قىلىمىز −

بوران - چاپقۇنلۇق 100 يىلغا تارىخ ئەينەك بولالايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئېنىقكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشقا مۇناسىپ.

تاغنى يېرىپ يوللار ئاچتى مەردانە، كەڭ جاھانغا تىرەك بولدى بۇ چوققا.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 2012 - يىلى، تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى يولداش شى جىنپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى. مۇشۇ پەيتتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى كېسىشتى، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت چىگىش - مۇرەككەپ بولدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئاچقۇچلۇق مۇساپىگە قەدەم قويدى.

ماقالە ئالتە قىسىمغا بۆلۈنگەن: مىڭ يىللىق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش − جۇڭگو كوممۇنىستلىرى تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشقا پۇختا ئاساس سالدى؛ ئۇلۇغ ئۆزگىرىش − دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، تارىخنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يارقىن نۇرلىرى ئىچىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى؛ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش − خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، خەلققە چىڭ تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى؛ ئۆزىنى قايتا يارىتىش − ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتەك سىياسىي جاسارەت بىلەن ئۆزىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ جاھاننى قەلبىگە پۈكۈش − دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىنى ئىگىلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش چوڭ يۈزلىنىشىنى يېتەكلەپ، خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلدى؛ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلىنىش − ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قەلبىگە پۈكۈپ، كەلگۈسى نىشاننى پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولۇشىنى كۆزلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان مۆجىزىلەرنى ئارقا - ئارقىدىن يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى يېتەكلەپ ئۇلۇغ گۈللىنىشتەك شانلىق ئىستىقبالغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە!

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.