تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈپ، «1-ئىيۇل»نى كۈتۈۋېلىش

ئانار بۇلۇت خەۋىرى «1-ئىيۇل» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرى شەھەردىكى ئاساسىي يول، باغچە، مەيدان، پويىز ئىستانسىسى، ئايرودۇرۇم قاتارلىق ئادەم، ئاپتوموبىل بىرقەدەر كۆپ بولغان جايلارغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە قىزىل باش تېمىلىق باغ-ئورمان مەنزىرە ھەيكىلى ۋە تەشۋىقات بەلگىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر كوچىلىرىدىكى مەنزىرە ئورنى، زىننەتلىك چىراغلار بولۇپ جەمئىي توققۇز ئورۇننىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە شەھەردىكى ئاساسىي يول، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ھەم ئادەملەر بىرقەدەر مەركەزلەشكەن جايلاردىكى 200دىن ئارتۇق بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەتلەرگە چىراق ئورنىتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش قويۇق كەيپىياتىنى كۈچەپ يارىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغاتتى.

6-ئاينىڭ 28-كۈنى، شەھەر ئاھالىسى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىلىق مەنزىرە ھەيكىلى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.
6-ئاينىڭ 28-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىلىق مەنزىرە ھەيكىلى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.
(ئىختىيارىي مۇخبىر نىياز راخمان)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى