تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەمگەكچان كىشىلەرلا بەختلىك تۇرمۇش يارىتالايدۇ

​□گۇما ناھىيەسىدىكى پاختا تەرگۈچى بۇزۆھرە ئۆمەر

ئانام دائىم: «ئەتىيازدا تىرىشىپ ئەمگەك قىلساق، قىشتا غەم قىلمايمىز، ئەمگەكچان كىشىلەرلا بەختلىك تۇرمۇش يارىتالايدۇ» دەيتتى. مەن مەكتەپتە ئوقۇغاندىن باشلاپ، ھەر يىلى كۈزدە ئانام سىرتقا چىقىپ پاختا تېرەتتى. پاختا تېرىش جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن پاختا تېرىش پەسلى كەلسىلا، ئانام ناھايىتى خۇشال بولۇپ كېتەتتى، چۈنكى ھەر قېتىم پاختا تەرگىلى بېرىپ پۇل تېپىپ كېلەتتى. ئانام دائىم: پاختا تېرىش زېرىكىشلىك ئەمەس، ئۇ جايدىكى كېۋەز تېرىيدىغان ئائىلىلەر بەك ياخشى، پاختا تەرگۈچىلەرنى ھەقسىز تاماق، ياتاق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەمگەككە بېرىش - بارماسلىق ئۆز ئىختىيارلىقىمىزدا. پاختا تەرگەن مەزگىلدە بىكار بولۇپ قالساقلا، پاختا تەرگۈچىلەر بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايمىز، كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولىدۇ، دەيتتى.

ئېسىمدە قېلىشىچە، ئانام تۇنجى يىلى پاختا تېرىپ قايتىپ كەلگەندە، ماڭا يېڭى كىيىم ۋە سومكا ئېلىپ بەرگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە يىلدا، ئانام ئەتىياز ۋە يازدا ئائىلىدە يەر تېرىدى، توخۇ باقتى، كۈزدە كېۋەز تېرىيدىغان ئائىلىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، سىرتقا چىقىپ پاختا تەردى. ئانام پاختا تېرىپ خېلى كۆپ پۇل تېپىپ قايتىپ كەلدى، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. ھازىرمۇ ئانام يەنە بىرقانچە يىل پاختا تېرىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپ بىر ناشتىلىق دۇكىنى ئېچىشنى ئويلاۋاتىدۇ.

شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسى مەۋجۇت دېگەننى باھانە قىلىپ، بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ پاختىسىنى توسقان ئاشۇ ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر، سىلەرنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىڭلار بىمەنە ۋە كۈلكىلىك، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار نومۇسسىزلىق. مەن رەسمىي يوسۇندا سىلەرنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.