تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇرمۇشنى يورۇتۇپ، قەلبنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەش

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىدا مىسلىسىز زور تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلدى. مول، رەڭدار مەدەنىيەت تۇرمۇشى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلغان ئەدەبىيات - سەنئەت گۈلزارلىرى بىرلىكتە، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ گۈللەنگەن، راۋاجلانغان جانلىق مەنزىرىسىنى ياراتتى.

مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش

6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سەھەردە، ئىشىكى تېخى ئېچىلمىغان شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ ئالدىدا كىشىلەر ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى. «كۇتۇپخانىنىڭ مۇھىتى ياخشى، ئەسلىھەلىرى ئىنتايىن ئادىمىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ يەردە كىتاب كۆرۈش، مۇزىكا ئاڭلاش بىر خىل ھۇزۇر» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ شياۋخۇا.

شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بولۇپ، 2019 - يىلى 9 - ئايدا پۈتۈنلەي يېڭى ھالەتتە دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئېچىلغاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەر تېخىمۇ تېز كۆپەيدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدا ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتلەرنى قاپلىغان بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت تورى شەكىللىنىپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى ئىنتايىن زور دەرىجىدە بېيىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار ئارقا - ئارقىدىن پۈتتى. ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك كەسپىي ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرتى، ئۆمەكلىرى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويۇش ئارقىلىق، نادىر ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى مەھەللە، يېزا - كەنت، ئېتىز بېشىغىچە يەتكۈزدى.

بۇ يىل يىل بېشىدىن باشلاپ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى قاتارلىق يەتتە كەسپىي ئەدەبىيات - سەنئەت يۇرتى، ئۆمىكىدىن تەشكىللەپ قۇرۇلغان 11 «ئانارنىڭ دانىسى» ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇن قويۇش شۆبە ئەترىتى 13 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى يېزا - كەنت، مەھەللىلەرگە بېرىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويدى. «بۇ يىل، بىز ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا 1100 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويۇپ بېرىمىز، ئامما ئىشىكى ئالدىدىلا مەدەنىيەت كاتتا ئوزۇقلۇقىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى سەنئەت باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى سەي شياۋرۇڭ.

جانلىق ۋارىسلىق قىلىش   غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يېپيېڭى تۈسكە كىرگۈزۈش

6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، گوۋۇيۈەن 5 - تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى تىزىملىكى ۋە كېڭەيتىلگەن تۈر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن 14 تۈر تاللاندى.

شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقى چوڭ رايونى، ئۈچ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكى»گە تاللاپ كىرگۈزۈلدى، يەنە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 315 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بار. بۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى تۇرغۇزۇلۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

«شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەتلەس توقۇش، بوياش ھۈنىرى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ئەتلەس ئېلېمېنتىنى بالىلار كىيىمى، راھەت كىيىم، كېچىلىك مۇراسىم كىيىمى لايىھەلەشكە ئىشلەتتۇق، يەنە يىپەك ياغلىق، گالىستۇك، سومكا، ساپال بۇيۇم قاتارلىق يۈز نەچچە تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقاردۇق. قەدىمىي ئەتلەس ھازىر مودا تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى» دېدى شىنجاڭ ئەتلەس تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ لايىھەلەش باش نازارەتچىسى چېڭ يىڭفېن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا بارغانسېرى كۆپلىگەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىدە ھاسىلىي مەھسۇلاتلارنى ئېچىش ئارقىلىق، جانلىق ۋارىسلىق قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى 1000 خىلدىن ئاشقان بولۇپ، مودا، ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىققا ھەم قويۇق شىنجاڭ پۇرىقىغا ئىگە.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسى بولۇپلا قالماي، يەنە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرتكۈچكە ئايلاندى. ئەتلەس يۇرتى − خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدا ھەممە ئائىلە دېگۈدەك دۆلەت دەرىجىلىك بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىشقا قاتناشتى، چۈنكى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بەس - بەستە بۇ جايغا «جەزمەن كېلىدىغان» بولغاچقا، ئەتلەس شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى چوڭ كەسىپكە ئايلاندى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش   تارىخنى دەلىللەپ قەلبنى مۇجەسسەملەش

6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراس كۈنى، جېمىنەي ناھىيەسىدىكى تۇڭتيەندۇڭ قاتارلىق پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۆت ئورۇندىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىش ئورنى نەق مەيدانىدا ئاممىغا ئېچىۋېتىش كۈنى ئۆتكۈزۈلدى، نۇرغۇن ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەق مەيدانىغا كىرىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چۈشەندى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى دۆلەتنىڭ «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» ناملىق يۈرۈشلۈك مۇھىم، زور تۈرلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بەش يىلدا تەشەببۇسكار تۈردىن 64نى يولغا قويدى، قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى 10 مىڭدىن ئاشتى، كۆپ تۈرلۈك ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش دۆلەت ئىچى - سىرتىدا بىرقەدەر زور تەسىر قوزغىدى. شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لى ۋېنيىڭ مۇنداق دېدى: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى تارىختا مەركىزىي سۇلالىلەرنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىنى دەلىللەش، ئارمىيە - ھۆكۈمەت تەشكىلىي تۈزۈلۈش سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىلىشى، يىپەك يولى بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەرق بىلەن غەربنىڭ ئالماشتۇرۇش تارىخىي جەريانى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ تارىخىي مەنبەسى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدا مۇزېي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان مەزگىل بولدى. ھازىر 92 مۇزېي تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقالدى، پۈتۈن شىنجاڭدا %80كە يېقىن ناھىيە، شەھەردە مۇزېي قۇرۇلدى. 370 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ «13 - بەش يىل»دىكى نۇقتىلىق تۈرى بولۇپ، 2021 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئېچىلىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭغا تارقالغان مۇزېيلار ۋە داڭلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق خارابىسى مەنزىرە نۇقتىلىرى ھەر مىللەت ئامما تارىخىي مەدەنىيەتنى ئۆگىنىدىغان، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدىغان جانلىق دەرسخانىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.