تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

شۆھرەت زاكىر قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولغان قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۈرتكە بولۇشتىكى خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە نەتىجە - ئۈنۈمىگە تىرىشىپ ئايلاندۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

قەشقەر خەلق ئاممىسىنىڭ ئەرزىيىتىنى قوبۇل قىلىش مەركىزىدە، شۆھرەت زاكىر ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم نەق مەيداندا ئىككى ئاممىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئەرزىيەت تەلىپىنى ھەل قىلدى.

«ئىسمىڭىز نېمە؟ بۇ يىل قانچىنچى يىللىقتا ئوقۇيسىز؟» شۆھرەت زاكىر كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. توققۇزاق بازىرىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتىدە، شۆھرەت زاكىر كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما، ئوقۇغۇچىلار ھەمدە ئوقۇتقۇچى قاتارلىقلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، پىكىر ئالماشتۇردى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاياغمەنگەن كەنتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق شانلىق تارىخىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، قىزىل گېننى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش كېرەك.

100 يىللىق قەشقەر سارىيىدا، شۆھرەت زاكىر قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى، بۇ قىزىل بايلىقلارنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش، قىزىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر يەنە قەشقەر نان مەدەنىيىتى باغچىسىغا بېرىپ، شۇ جاينىڭ نانچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، شۆھرەت زاكىر سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، تارىخ ئارقىلىق ئىرادىنى يورۇتۇش، تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈش كېرەك. «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئامما غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلار، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، ئاساسلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ قەشقەرنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.