تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ناخشا ئارقىلىق قەلب ساداسىنى ئىزھار قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلىش

​− «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى كۇەيشەن پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ تىڭ، سۇڭ ۋېيگو

«پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن، مەن پارتىيەنى ئانامغا ئوخشىتىمەن، ئانام جىسمىمنىلا تۇغدى، پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى قەلبىمنى يورۇتتى... » جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى كۇەيشەن پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ناخشا ساداسى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە 100 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، ئامما قىزىلسۇ ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىدا «قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى مەڭگۈ ئۆڭمەيدۇ» باش تېمىسىدىكى دېكلاماتسىيە قىلىش، ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم»... ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرى قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ يىل 4 - ئايدىن بۇيان، ئاتۇش شەھىرى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسى، ئاقچى ناھىيەسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 100 مەيدانغا يېقىن ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىسى ئېيتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

«بۇ كۇەيشەن، سىنلار ماڭا قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى ھېس قىلدۇردى. مەن ئەستايىدىل خىزمەت قىلىپ، ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنى ھەر ۋاقىت پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى ئويتاغ بازىرى ئاتئويناق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ چۇنشياڭ.

6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سەھەردە، بىر ئاپتوبۇس بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ دولايتى يېزىسىدىكى تاشيولدا كېتىۋاتاتتى. دېرىزە سىرتىدا كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، يېشىللىق كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى؛ ئاپتوبۇس ئىچىدە كىشىلەرنىڭ چېھرىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، ناخشا ساداسى ياڭرايتتى. «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن، مەن پارتىيەنى ئانامغا ئوخشىتىمەن...» يول بويى ناخشا ساداسى ئۈزۈلمىدى، ئاپتوبۇستىكىلەر دولايتى يېزىسىدىكى 12 مەمۇرىي كەنتتىن كەلگەن 36 نەپەر كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىلى ئىدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، دولايتى يېزىلىق ھۆكۈمەت كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنى يېڭى يېزىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىشقا تەشكىللىدى ھەم كۇەيشەن سىنىنى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىدى.

«پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. بۇ قېتىم <پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن> تېمىسىدىكى كۇەيشەن پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم ۋە ھاياجانلاندىم!» دېدى دولايتى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خەن چاۋ.

ئاپتوبۇس ئېرتىش كەنتىگە كەلگەندە، ئېتىز ئارىسىدىكى يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى زەيكەشلەرنىڭ تەكشىلىنىپ كۆركەملەشكەنلىكىنى، چوڭ - كىچىك ئېرىق - ئۆستەڭلەرنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى. «بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ قوللىشىدا قۇرۇلغان» دەپ تونۇشتۇردى ئېرتىش كەنتى كەنت تارىخى پونكىتىنىڭ مەسئۇلى تابىسبېگ ئوراز.

«<پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن> ناملىق ناخشىدا بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلب ساداسى ئىزھار قىلىندى.» دولايتى يېزىسىنىڭ سار تېرەك كەنتىدىكى 33 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى مۇتايىر سۇپاخۇن مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يۇرتىمىزدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.