تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

لوپنۇر كۆلىدە مەڭگۈ پورەكلەپ ئېچىلغان «مالەن گۈلى»

لىن جۈندې:

لوپنۇر كۆلىدە مەڭگۈ پورەكلەپ ئېچىلغان «مالەن گۈلى»

لىن جۈندېنىڭ سۈرىتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

□ لى چىڭخۇا، گاۋ تېڭ

شىنجاڭدىكى لوپنۇر چۆللۈكىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان مالەندە تىيانشان گىرانىت تېشىدىن قوپۇرۇلغان ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ جايغا چېن شىجۈ، جاڭ يۈنيۈ، جۇ گۇاڭيا قاتارلىق دۆلىتىمىزنىڭ يادرو سىنىقى ئىشلىرى ئۈچۈن قۇربان بولغان، ئۆزىنى بېغىشلىغان بەرپا قىلغۇچىلار دەپنە قىلىنغان.

ئارمىيە بويىچە سۈرىتى ئېسىلغان قەھرىمان - نەمۇنىچى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەرىپىدىن «دۆلەت مۇداپىئەسى پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلگەن لىن جۈندېمۇ مۇشۇ جايدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن. 2019 - يىلى 9 - ئايدا، ئۇ يېڭى جۇڭگودىكى «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» بولۇپ باھالانغان.

لىن جۈندې ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 63650 - قىسمىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دۆلىتىمىزنىڭ يادرو سىنىقى پارتلىتىش مېخانىكىسى ساھەسىدىكى باشلامچى شەخس، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ئىدى. ئۇ ئۇزاق مەزگىل نام - شەرىپىنى يوشۇرۇپ، چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرىنى قېتىرقىنىپ ياساپ، شىنجاڭ لوپنۇردىكى چۆل - جەزىرىدە 52 يىل يىلتىز تارتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق يادرو سىنىقى ۋەزىپىلىرىگە قاتناشقان.

«چۆل - جەزىرە، ئۇرۇش ئوتى، مالەن. قەھرىمان ئۈن - تىنسىز ئىشلەپ ئەللىك يىل، بىپايان چۆللۈككە تۆكتى ئىسسىق تەر. تومۇزدا ئوت ئىسسىق، قىشتا شىۋىرغان، سەركەردە ساۋۇتنى سالمىدى زىنھار. جەڭچىنىڭ جەڭچىدەك ئايرىلمىقى بار، تىك قەددىڭ يىقىلماس مەڭگۈگە سېنىڭ!» لىن جۈندې ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ «2012 - يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن ئون چوڭ شەخس»، «4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كەسىپنى قەدىرلەپ، ئۆزىنى بېغىشلىغان ئەخلاق نەمۇنىچىسى» بولۇپ باھالاندى.

لىن جۈندې، 1938 - يىلى تۇغۇلغان، فۇجيەن يۇڭچۇندىن. 1955 - يىلى، ئۇ 17 يېشىدا جېجياڭ داشۆسى ماشىنىسازلىق شىسىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، داشۆنى پۈتۈنلەي پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا تايىنىپ پۈتكۈزگەن. شۇڭا، لىن جۈندې دائىم پەرزەنتلىرىگە، مېنىڭ بۈگۈنۈمنىڭ بولۇشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەربىيەلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئادەم بولۇشتا، چوقۇم مىننەتدارلىقنى بىلىش، ساداقەتمەنلىك بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك، دەيتتى.

1960 - يىلى جېجياڭ داشۆسىنى پۈتكۈزگەن لىن جۈندې ھەربىي سەپكە قاتناشتى، شۇنىڭدىن باشلاپ نام - شەرىپىنى يوشۇرۇپ، يېڭى جۇڭگو يادرو سىنىقى پەن تەتقىقات قوشۇنىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندى.

1964 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 15تە، لوپنۇردىن چىققان ناھايىتى كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن تەڭ موگۇسىمان بۇلۇت كۆككە كۆتۈرۈلدى. لىن جۈندې تەتقىق قىلىپ ياسىغان «لىنشى» بېسىمنى ئاپتوماتىك خاتىرىلەش ئەسۋابى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى يادرو پارتلىتىش تەجرىبىسىنىڭ تۇنجى جېڭىدىلا خىزمەت كۆرسەتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، تۆھپىكار جابدۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ھەر خىل يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆتكۈر قوراللارنى سىناق قىلىشتا ئىشلىتىلىپ، تەجرىبە مەيدانىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆزگە چېلىقىدىغان بولدى.

«مەن بۇ ئۆمرۈمدە پەقەت بىرلا ئىش قىلدىم، ئۇ بولسىمۇ يادرو سىنىقى. بىز كۆپ پۇل خەجلىمىدۇق، ئەمما قىلغان ئىشىمىز ئاز ئەمەس. ئىلمىي تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، غەيرەت - شىجائەت بولۇشى كېرەك.» بۇ لىن جۈندې دائىم پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئېيتىدىغان سۆز. ئۇ دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقاتىدىكى ئون نەچچە تۈرلۈك ئۆتكۈر تېما تەتقىقاتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، بىر يىلدىكى 300 نەچچە كۈننىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك چۆل - جەزىرىدە، تەجرىبە مەيدانى رايونىدا ئۆتكۈزدى.

2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى لىن جۈندېغا ئۆت نەيچىسى راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ دىياگنوز قويۇلدى.

ئويلىمىغان يەردىن كەلگەن بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان لىن جۈندېنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئويلىغىنى ھالقىلىق پەيتكە كەلگەن دۆلەت مۇداپىئەسى مۇھىم، زور پەن تەتقىقات تۈرىنىڭ تېخى تاماملانمىغانلىقى بولدى.

4 - ھەربىي تېببىي داشۆنىڭ تاڭدۇ دوختۇرخانىسىدا، لىن جۈندې كېسەل ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىدىكى مۇھىم، زور پەن تەتقىقات تۈرى ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ بىرلا ئويى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ تېزدىن ناھايىتى ئۇزاق ئويلانغان، مۇكەممەللىشىشكە يۈزلەنگەن ئىلمىي ئىدىيە ۋە تېخنىكا پىكىر يولىنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇش ئىدى.

5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، لىن جۈندې ئۈستەل - ئورۇندۇقلىرىنى كېسەلخانىغا يۆتكەپ كىرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ كۈنى ئۇ كەچ سائەت 9دىن 45 مىنۇت ئۆتكىچە خىزمەت قىلدى.

5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 7دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندىن تارتىپ، سائەت 9دىن 55 مىنۇت ئۆتكىچە، لىن جۈندې ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ توققۇز قېتىم كارىۋاتتىن چۈشۈپ ئىشلىدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ قورسىقى كۆپۈپ، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ، بەدىنى ناھايىتى ئاجىزلاپ كەتكەچكە، ھەر قېتىم مائۇسنى چەككەندە ھاسىراپ كېتەتتى.

خاتىرە كومپيۇتېردا، لىن جۈندې ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1.5G سىغىمدىكى پەن تەتقىقات ماتېرىياللىرىنى رەتلىدى؛ شىفىرلاشتۇرۇلغان تېلېفوندا تەجرىبىخانىغا ئۈچ قېتىم تېلېفون قىلىپ پەن تەتقىقات خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى؛ ئۇ يەنە ئازراق زېھنىي كۈچى بارلىقىنى ھېس قىلىپ، بىر دوكتور ئاسپىرانتنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالىسى ئۈچۈن 300 نەچچە خەتلىك باھا سۆزى ۋە ئالتە تەكلىپ يېزىپ بەردى؛ ئىككى قېتىم تېما گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنى كېسەلخانىغا چاقىرتىپ، ئۇلارغا داۋاملاشما تەجرىبە ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى.

5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى سائەت 20دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلەت مۇداپىئە پەن - تېخنىكىسى ساھەسىدىكى بۇ جەڭچىنىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغاندا، نەق مەيداندىكى ۋە بۇرۇنلا كېسەلخانا ئىشىكى ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان بارلىق دوختۇر - سېسترالار ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، يىغلاپ كەتتى...

ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتىدە، لىن جۈندې پەقەت: «ئۆلگەندىن كېيىن مېنى مالەنگە دەپنە قىلىڭلار.» دېگەن بىر جۈملە سۆزنىلا قالدۇردى.

«بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىشلەپ، جاھاننى زىلزىلىگە سالغۇدەك ئىشلارنى قىلىپ، نام - مەنپەئەت قوغلاشماي نام - شەرىپىنى يوشۇرۇپ كەلگەن كىشى» بۇ مالەن بازىسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ لىن جۈندېغا بەرگەن باھاسى.

2018 - يىلى 9 - ئايدا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، «دۆلەت مۇداپىئەسى پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم» لىن جۈندې جاڭ سىدې، دۇڭ سۇنرۇي، خۇاڭ جىگۇاڭ، لېي فېڭ قاتارلىق ھەرقايسى مەزگىللەردىكى قەھرىمان - نەمۇنىچىلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە بويىچە سۈرىتى ئېسىلغان ئون چوڭ قەھرىمان - نەمۇنىچىسى بولۇپ قالدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.