تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن بەشى يېڭىدىن كۆپەيدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ خەۋەر قىلىدۇ: 6-ئاينىڭ 19-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 111 ئورۇنغا مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى دەپ يېڭىدىن نام بەردى، بۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدا يېڭىدىن بەشى (بىڭتۇەندىكى بىر ئورۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆپەيتىلدى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن جەمئىي 11 (بىڭتۇەندىكى ئۈچ ئورۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ى بار بولدى.

  بۇ بەش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى: جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە سارىيى، ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى، قاراماي مۇزېيى، قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى، ۋۇجياچۈ شەھەرلىك ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدىن ئىبارەت.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، شىنجاڭ مۇزېيى، 8-ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى، لىن زېشۈ خاتىرە سارىيى، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى، 359-لۈ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيىغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى دەپ نام بېرىلگەنىدى.

  بۇ قېتىمقى نام بېرىش خىزمىتىدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، «تۆت تارىخ» تەشۋىقات-تەربىيەسى زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقە، مۇھىم ئورۇن، مۇھىم شەخس قاتارلىقلار گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يېڭىدىن نام بېرىلگەن مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كۆرگەزمە مەزمۇنى كۆپەيتىلىپ، تەشۋىقات-تەربىيە ئىقتىدارى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلدى. «بىز كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ياخشىلاپ، ئالاقىدار ئەسلىھەلەرنى ئەلالاشتۇردۇق، دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق. مەسىلەن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى كۆرگەزمە تاختىسىنى كۆپەيتىپ، سۈرەت تەسۋىرى ماتېرىياللىرى قويۇش رايونى ۋە ھەقىقىي مەنزىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رايونى تەسىس قىلىپ، ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئاۋازلىق يېتەكلەش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ، قاتنىشىش تۇيغۇسى، ھېس قىلىش تۇيغۇسى ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتتۇق. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بىز جەمئىي 30 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدۇق» دېدى ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ خۇي.

  ۋۇجياچۈ شەھەرلىك ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋ بىنسەي مۇنداق دېدى: بۇ يىل سۈپەتلىك چۈشەندۈرگۈچىلەر قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، پارتىيە ھېكايىسى، ئىنقىلاب ھېكايىسى، قەھرىمانلار ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل گېنغا، ئىنقىلاب مەشئىلىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى