شىنخۇا تورى خەۋىرى: فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ سەنمىڭ شەھىرى جيەننىڭ ناھىيەسى ئىلگىرى مەركىزىي سوۋېت رايونى تەسسىس قىلىنغان ناھىيە، ئىنقىلابىي كۈرەشتە، بولۇپمۇ مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، نۇرغۇن قىزىل خارابىلىكلەر ساقلىنىپ قالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جيەننىڭ ناھىيەسى قىزىل بايلىقلارنى تولۇق قېزىپ، قىزىل ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئېكولوگىيەنى زور كۈچ بىلەن قوغداپ، يېشىل خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ نېلۇپەر، سېرىق چېچەكلىك نەشپۈت، سېرىق شاپتۇل قاتارلىق ھۇزۇرلىنىش خاراكتېرىگە ئىگە زىرائەت تېرىقچىلىقىنى كېڭەيتىپ، نېلۇپەر، نەشپۈت چېچىكى، شاپتۇل چېچىكى دېڭىزىنى چۆرىدەپ «نېلۇپەر ئۈچۈن كېلىش» قاتارلىق بىر قاتار ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى ياراتتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ناھىيەنىڭ 2020-يىللىق يېشىل خاس كەسىپلەر پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 8 مىليارد 900 مىليون يۈەندىن ئاشقان، بۇ يىل «1-ماي» مەزگىلىدە جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 56 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.32 ئاشقان، ئىشقا ئاشۇرغان ساياھەت كىرىمى 49 مىليون 210 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.16 ئاشقان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيۋېي فوتوسى
جيەننىڭ ناھىيەسى سۇيشى بازىرى گاۋفېڭ كەنتىنىڭ كۆرۈنۈشى (6-ئاينىڭ 20-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).