تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«بارماق ئۇچى»دىكى جاپانى تۈگىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش

− ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»نى تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى سۈن شاۋلۇڭ، ۋاڭ چى، گاۋ لېي

شەكىلۋازلىقنىڭ خەۋپى روشەن، شۇنداقلا غايەت زور.

2020 - يىلى 9 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بەزى ھۆكۈمەت ئىشلىرى APPسىدا مەنىسى، شەكلى ئۆزگىرىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئىگىلىۋالغانلىقى ئىنكاس قىلىنغان بىر پارچە ماتېرىيال توغرىسىدا «شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىش كېرەك» دېگەن مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقنى بېرىپ، كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگرامما تەرەققىياتىدا كۆرۈلگەن شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرى ۋە ئىللەتلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىشنى تەلەپ قىلدى.

«بارماق ئۇچى»دىكى جاپانى تۈگەتكەندىلا، ئاندىن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى باغلاقتىن بوشىتىپ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ. مەركەز قاتلىمىدا شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشى بىلەن، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»قا قارىتا يېرىم يىللىق مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ياخشى نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

بارماقنى تۈگۈپ مۇشت ھاسىل قىلىش «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»نى قەتئىي تۈزىدى

شەكىلۋازلىق ئىستىل مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، يەنە سىياسىي مەسىلە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىغا زىيان يەتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزىدۇ. «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»مۇ شۇنداق.

«بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق» مەسىلىسىنىڭ ئىپادىسىنى رەتلەش، قېلىپلاشتۇرۇپ تۈزەشنىڭ كونكرېت تەدبىرى ۋە نىشان - تەلىپىنى تۈرمۇتۈر ئوتتۇرىغا قويۇش، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتى ۋە ۋاقىت تۈگۈنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش... چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، «كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قېلىپلاشتۇرۇپ، بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىقنى تۈزەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» مەركەز قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى ئىشخانىسى تەرىپىدىن رەسمىي بېسىپ تارقىتىلدى، مەخسۇس تۈزەش تېز قانات يايدۇرۇلۇپ، بىر قاتار كېيىنكى ھەرىكەتلەر تېز سۈرئەتتە سىلجىتىلدى −

2021 - يىلى 1 - ئايدا، مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى يىغىن ئېچىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى APPسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەگرىنى تۈز قىلىمەن دەپ چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش، ئاددىيلا توختىتىپ قويۇپ ئىشنى تۈگىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلىدى؛

2021 - يىلى 2 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ھۆكۈمەت ئىشلىرى APPسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق» مەسىلىسىنى تۈزەشكە قارىتا ئېنىق ھەل قىلىش تەدبىرى ۋە تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛

2021 - يىلى 4 - ئايدا، مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى ئىشخانىسى نۇرغۇن جايلار، نۇرغۇن تارماقلارغا بېرىپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، زىيارەت قىلىش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئىلگىرىلەش، نەتىجە - ئۈنۈم ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئىگىلىدى...

داغدۇغىلىق بىر قاتار ھەرىكەتلەر بىر ئېنىق سىگنال قويۇپ بەردى: ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»نى تۈزىتىپ، پۇختا ھالدا ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش.

ئورۇنلاشتۇرۇش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. يېرىم يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا يۈزلەنگەن «مۇردا تۈر» «پۈچەك تۈر» كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىلىرىنى نۇقتىلىق ئېنىقلاپ، كۆپ تەرەپتىن تەكرارلىنىدىغان پىروگراممىلارنى بىرىكتۈرۈپ، مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇش، نومۇر يىغىپ رەتكە تۇرغۇزۇشتىن قالايمىقان پايدىلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەتتى ھەم تۈرلۈك ئاممىۋى سۇپا، ۋېيبو ھېسابات نومۇرلىرىنى ئېنىقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»نى ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى.

− مىقدار تۆۋەنلىتىلدى. خۇبېي ۋۇخەندە، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى باشلامچىلىق بىلەن خىزمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى 98 رايون ۋە شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلارنى كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىلىرىغا قارىتا «ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش»نى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئېنىقلاش بىلەن بىللە، زور كۈچ بىلەن بىرىكتۈرۈپ ئىخچاملىدى؛ ئەنخۇي ۋۇخۇدا، شۇ جاي بازار، كوچا باشقارمىسى، كەنت، مەھەللىگىچە سوزۇلغان ئاساسىي قاتلام ئىشلىتىۋاتقان ئۇچۇر سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ تەكتىنى ئېنىقلاپ، شەھەر دەرىجىلىك ھەمدە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئۆزى قۇرغان ئۇچۇر سىستېمىسىدىن 35نى تاقىدى.

− نازارەتچىلىك كۈچەيتىلدى. شاڭخەي مەخسۇس نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئون شەھەر دەرىجىلىك تارماق، 18 رايون دەرىجىلىك تارماق ۋە كوچا باشقارمىسى، بازار، كەنت، مەھەللىگە بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ، پىكىرلەرنى ئاڭلاپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. جياڭسۇ «تۆمۈر تۇمشۇق ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەت ئىشلىرى APPسىنى نازارەت قىلىش قوشۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ باھاسىنى بىۋاسىتە ئاڭلىدى.

− ئۈنۈم - ئىقتىدار ئۆستۈرۈلدى. جېجياڭ «جېجېڭدىڭ» سۇپىسىنى سىجىل زورايتىپ، كۈچەيتىپ، تۈرلۈك «تۆۋەن، كىچىك، تارقاق» ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىلارنى بىرىكتۈرۈپ، قوشۇۋېتىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ھەقىقەتەن ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىلىرىنى تېزدىن بىرىكتۈرۈپ ئۇلاشنى تەلەپ قىلدى؛ شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش فۇنكسىيەسىنى چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە ئاجرىتىپ يۆتكەپ، پىلانلاشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئاسراشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

− تۈزۈم ئورنىتىلدى. جياڭشى «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»نى تۈزەشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، تۈزۈم - مېخانىزم جەھەتتىن كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىلىرىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈردى؛ گۇيجوۋ تۈزەش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ۋە نىشان، نەتىجە، ئۈنۈمنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، نەتىجە يۆنىلىشى ئارقىلىق خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمەت ئۆلچىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە، سالمىقىنىڭ كېمىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى...

ھەم «ھازىر تۈزىتىلدى»، ھەم «ئۇزاققىچە تۇرغۇزۇلدى». مەخسۇس تۈزەش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەم ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىلىرىنىڭ تازىلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تازىلاپ، ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»نىڭ ئالدىنى ئالدى، ھەم ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، دائىملىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشقا تۇتۇش قىلىپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش، ھەقىقىي يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

يېنىك قوراللىنىپ سەپكە ئاتلىنىش ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى

تۈزەش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولغان - بولمىغانلىقىدا، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار.

«ئەڭ بىۋاسىتە بولغىنى يان تېلېفوننىڭ <جىرىڭ - جىرىڭ> قىلغان ئەسكەرتىش ئاۋازى ئازايدى.» خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى جياڭئەن رايونى دەنشۇيچى كوچا باشقارمىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ سىرۇي مۇنداق دېدى: مەخسۇس تۈزەشتە خىزمەت توپى بىرىكتۈرۈلدى، ھازىر يان تېلېفوندا پەقەت بىر رەھبەرلىك بەنزىسى توپى، بىر كادىرلار پىكىر ئالماشتۇرۇش توپى ۋە بىر كەسپىي يېتەكچىلىك توپىلا قالدى، توپقا تىكىلىپ قاراش، ئۈستىگە سىيرىش ئەھۋاللىرى ئازايدى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتىمۇ ئۆستى.

بۇ، ۋۇخەننىڭ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ تۈزەشنى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنى باغلاقتىن بوشىتىپ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلەتكەنلىكىنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسى. مەخسۇس تۈزەش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ۋۇخەن 160 ئىش بېجىرىش تۈرى، باشقۇرۇش تۈرى، ئۆگىنىش تۈرىدىكى ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىنى نۇقتىلىق تۈزەپ، 32 ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىنى ئىخچاملىدى، ئازىيىش دەرىجىسى %20كە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ جاي يەنە تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ، «ئىز»غا ئەھمىيەت بېرىپ، «نەتىجە»گە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، شامالغا ئەگىشىپ ئالقىشلاش، ھەر ۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈش، كۆپ تەرەپكە يوللاش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى «ئەمەلىي» بولۇش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

«بارماق ئۇچى» ناتوغرا ئىستىلنى تۈزەش ئېلىپ كەلگىنى ئىدىيەۋى تونۇشنىڭ ئۆسۈشى بولدى.

مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتى جەريانىدا نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈزەش ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە ئەسكەرتىش بەردى، كۆپچىلىك كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىلىرىنى ياخشى ئىشلىتەلمىسىمۇ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇپ يەتتى. «توپنى قالايمىقان قۇرۇش، يوقلىما قىلىش، ھەر خىل ئالقىشلاش، گۈل تەقدىم قىلىش ھادىسىلىرى ئازايدى، <بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق>نى تۈزەش تارىسى تېخىمۇ چىڭىتىلدى».

«ئىلگىرى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى ھەمىشە بىرنەچچە APP قىلىۋېلىشنى ياخشى كۆرەتتى، شەكىل چىقىراتتى، ھازىر كۆپچىلىك بۇ خىل قىلمىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىمۇ ئاشتى.» جىلىن ئۆلكىسىنىڭ جىلىن شەھىرى چۇەنيىڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۇڭ لىفۇنىڭ بىۋاسىتە تەسىراتى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈردى.

ئىدىيەۋى تونۇشنىڭ ئۆسۈشى «ئىزغا ئەھمىيەت بېرىش»تىن «ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىش»كە ئۆزگىرىشىنى ئېلىپ كەلدى. «ئىلگىرى توپنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتىگە، قول كۆتۈرۈش ئېگىزلىكىگە قارايتتۇق، ھازىر باھالاشتا نەتىجە - ئۈنۈمگە قاراپ باھالاشقا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان بولدۇق، تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە باھا بېرىش شەكلىمۇ تېخىمۇ ئەمەلىي بولدى.» ۋۇخەن شەھىرى ۋۇچاڭ رايونى شۇيگوخۇ كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جىن جيەنتاۋ مۇنداق دېدى: مەخسۇس تۈزەش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قاتراپ ھالىدىن كېتىش ئەھۋالىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، خىزمەت ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

«بارماقتىكى» مەيىن شامال خىزمەتتىكى «يېڭى ئىستىل»نى ئېلىپ كەلدى.

ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ «كۇنۇپكا ئارا بولۇش» ۋاقتى قىسقا بولغاندىلا، تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئامما بىلەن «يۈزتۇرا بولۇش»، خەلقنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك ئەمەلىي ئىشقا سەرپ قىلالايدۇ. جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرى چىكەي رايونى دۇڭفېڭ كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شېڭ شىنچۈننىڭ ئەسلىدە 60نەچچە توپى بار بولۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندىكى خىلمۇخىل ئۇچۇرلار ئۇنى «ھالىدىن كەتكۈزۈۋېتەتتى». «ھازىر بىز يان تېلېفوندىكى تۈرلۈك خىزمەت توپىنى بىرىكتۈردۇق، بۇنىڭ بىلەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ بىرىنچى سەپكە بېرىشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنى بار بولدى».

«مەخسۇس تۈزەش ئارقىلىق، كۆپچىلىك <توپتا ۋارقىراش>تىن <نەق مەيدانغا بېرىش>قىچە بولغان خىزمەت ئىستىلىدىكى ئۆزگىرىشنى تاماملىدى.» جىن جيەنتاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىلگىرى كوچا باشقارمىسى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى تاقابىل تۇرۇشتا چارچاپ، پاسسىپ جاۋاب قايتۇرۇپ، زور مىقداردىكى زېھنىنى چېچىۋەتكەنىدى. مەخسۇس تۈزەش ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ مەھەللە بىرىنچى سېپىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋاقتى تېخىمۇ كۆپەيدى، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى تېخىمۇ يېقىنلاشتى.

«بارماق ئۇچىدىكى باش قېتىنچىلىقى» ئازايدى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىمۇ يېڭى تۈسكە كىردى.

ئەمدى «دەككە - دۈككىدە» بولماي، «تەشۋىش»لەنمەي، «كۆڭلىنى توختىتىپ ئەمەلىي ئىش قىلالايدىغان بولۇش» بۇ قېتىمقى مەخسۇس تۈزەش جەريانىدا نۇرغۇن كادىرلارنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە تەسىراتى بولدى.

ۋۇخەن شەھىرى جياڭئەن رايونى خوۋخۇ كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى يەن ۋېيفېڭ مەخسۇس تۈزەشتىن كېيىن ئۆزىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى روشەن ھېس قىلدى. «ھەر خىل خىزمەت توپىنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سالغاندىن كېيىن، مېنىڭ ئاساسىي زىددىيەتنى تۇتۇش، ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ زېھنىم بار بولدى، تۇرمۇشتىكى باش قېتىنچىلىقىممۇ خېلىلا ئازايدى.» يەن ۋېيفېڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكى يېنىكلەپلا قالماي، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىمۇ ئۇلارنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇردى.

«ئاساسىي قاتلام كوچا باشقارمىسى ۋە مەھەللىلەرنىڭ خىزمىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئىلگىرى خىزمەتچى خادىملارنىڭ يان تېلېفونىدا چوڭ - كىچىك تۈرلۈك خىزمەت توپى بار ئىدى، بىر - ئىككى سائەت ئالدىراش يۈرۈپ كۆرمەي قالسا، 100دىن ئارتۇق ئوقۇلمىغان ئۇچۇر يىغىلىپ كېتەتتى.» نىڭشيا يىنچۈەن شەھىرى شىشيا رايونى شىخۇايۈەن يولى كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ۋېيخۇا مۇنداق دېدى: ھازىر ئېنىقلاش، بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، خىزمەت توپى ئازايدى، كۆپچىلىك ئۇقتۇرۇش چىقىرىشتىن بۇرۇن «مۇھىم نۇقتىنى تاۋلاپ»، ئۇچۇرنىڭ ئىخچام، مېغىزلىق، دېيىلگەن سۆزلەرنىڭ ئاساسى بار بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«جۇڭنەنخەيدىكى ھۆججەتلەر بىلەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تەسىراتىنىڭ بۇنداق بىردەكلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.» جىلىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاۋ يۇڭبونىڭ قارىشىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «بىراقلا تېگى - تەكتىگە يېتىش» ئارقىلىق مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇشقا قويغان تەلىپىنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ كونكرېت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ، بىر بولقا بىر بولقىدىن ئۇلاپ قېقىش، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىش، پۇختىلىشىش كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى.

بوشاشماي كۈرەش قىلىش تۈزەش خىزمىتىنىڭ دائىملىشىشى، تۈزۈملىشىشىگە تۈرتكە بولدى

«بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»نى تۈزەشتە، يېرىم يىللىق مەخسۇس تۈزەش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ. تۈزەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جەزمەن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىدا پۇت - قولىنى ئازاد قىلىپ، ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئويلاش، قەدەم تاشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

«بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»نى ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزەشتە، تۈزەش نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك −

خۇبېي كەسپىي ئاپپاراتلارغا تېخنىكىلىق سەييارە تەكشۈرۈش ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى تور بېكەتلىرى، سۇپىلار، ئۆز تاراتقۇلار، خىزمەت توپى قاتارلىقلارنى سەييارە تەكشۈرۈپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ بىر تەرەپ قىلىشنى ھاۋالە قىلدى؛ تيەنجىن ئاساسىي قاتلام كۆزىتىش نۇقتىسى، كۆزەتكۈچى خادىملارنىڭ «كۆزىتىش قاراۋۇلى»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ ھەقىقىي تەسىراتىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى...

مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»نى تۈزەشنى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى دائىملاشتۇرۇش خىزمىتىگە كىرگۈزۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قەرەللىك «قايتا قاراپ چىقىش»، قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى مۇھىم خىزمىتى بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركىزىي كومىتېت تور ئۇچۇر ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىمۇ جايلار ۋە تارماقلارغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، بۇ قېتىمقى تۈزەشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تىزىملىك چىقىرىپ، ھېساباتنى ئېسىپ قويۇپ، بىر - بىرلەپ ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىكەن.

«بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»نى ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزەشتە، تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك −

گۇاڭدۇڭدا پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىغا يۈزلەنگەن «يۆجېڭيى» APPسى تورغا چىقىرىپ يۈرۈشتۈرۈلۈپ، پىرىنسىپ جەھەتتە ئۆز ئالدىغا كۆچمە قوللىنىشنى يېڭىدىن قۇرماسلىق تەلەپ قىلىندى، مۇستەقىل قۇرۇلۇپ بولغانلىرى قەدەممۇقەدەم تۈرگە ئايرىپ ئۇدۇللاشتۇرۇلىدۇ ياكى «يۆجېڭيى» سۇپىسىغا بىرىكتۈرۈلىدۇ؛ سەنشىدە مەركەزلىك بىرتۇتاش بولغان، تېخنىكىسى سىغدۇرۇشچان بولغان، بىخەتەر يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى كۆچمە قوللىنىش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، پىرىنسىپ جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ھالدا «جىنجېڭتۇڭ»غا تايىنىپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىنىدۇ...

ئېشىش مىقدارى تىزگىنلىنىپ، سۈپەت ئۆستۈرۈلدى. مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، مەركىزىي كومىتېت تور ئۇچۇر ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگراممىسى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش، تەكشۈرۈپ ئەنگە ئېلىش، باھالاپ ئىنكاس قايتۇرۇش، ئېنىقلاپ چېكىندۈرۈش قاتارلىق مېخانىزملارنى ئورنىتىپ، مەركەزلىك تۈزەشنىڭ دائىملاشقان باشقۇرۇشقا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولغان.

«بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق»نى ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزەشتە، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى «يېڭى پىكىر يولى»دا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك −

زىيارەت جەريانىدا، ۋۇخەندىكى بىر ئاساسىي قاتلام كادىرى كۆرسەتكەن «بىر مىسال» مەخسۇس تۈزەشتىن كېيىنكى «چوڭ ئۆزگىرىش»نى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى: ئىلگىرى 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا بېرىلىدىغان چوڭ ياشلىقلار قوشۇمچە پۇلىنى بېجىرىشتە، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ ئېنىقلىشىغا توغرا كېلەتتى، ئامما بۇنى ئانچە قوبۇل قىلالمايتتى. ھازىر كوچا باشقارمىسى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، مەمۇرىي ۋە كەسپىي ئىشتات كۆپەيتىلىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات سىستېمىسىدىن پايدىلىنىلىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئۆيگە بېرىپ ياشانغانلارنىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكىنى كۆرمەستىن، بەلكى «ئۈچ ياردەم، تۆت تەكشۈرۈش» يەنى تاماق ئېتىش، كېسەل كۆرسىتىش، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىشقا ياردەم بېرىش، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، تۇرالغۇ، قاتناش قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

قوبۇل قىلماسلىقتىن ئېتىراپ قىلىشقىچە، ئۆزگەرگىنى ئاساسىي قاتلام ئىستىلى، ئېرىشىلگىنى پۇقرالارنىڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى بولدى. «توپتا ۋارقىراش»تىن «نەق مەيدانغا بېرىش»قىچە، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان تۈركۈم - تۈركۈم مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچەيدى.

توختىماي تىرىشقاندىلا، ئاندىن بوشاشماي كۈرەش قىلغىلى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئورۇنسىز يۈكتىن خالاس قىلىش، «ئۇلارنى ۋاقتىدا ياردەم قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش مۇقەررەر ھالدا ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كادىرلار ئىستىلىنى تېخىمۇ ئەمەلىي، پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق قىلىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ. (يېزىشقا قاتناشقانلار: لەي شىڭ، جېن شېڭجۇ، رېن ۋېي، دۇڭ شۆ، چېن خۇڭيى، ياڭ فەن، دۇەن شۈ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.