شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەسى كۆندەلەڭ بازىرىغا جايلاشقان چوڭ مۇخۇر تىيانشاننىڭ غەربىي ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى مۇھىم ئورمان رايونىنىڭ بىرى، چوڭ مۇخۇر دەرياسى بۇ جايدىن ئېقىپ ئۆتكەچكە، شۇ نام بىلەن ئاتالغان، ئۇنىڭ ئاساسىي جىلغىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 26 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، تارماق جىلغىلىرى كۆپ، مەنزىرىسى گۈزەل. جىلغا چوققىسىدىكى كەڭ كەتكەن شەمشاد ئورمىنى ئېگىز ۋە بۈك-باراقسان بولۇپ، قويۇق ئىپتىدائىي ئورماندا ئاپئاق كىگىز ئۆيلەر گاھ كۆرۈنۈپ گاھ كۆرۈنمەيدۇ.
«سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيە بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى، بۈگۈنكى چوڭ مۇخۇر نۇرغۇن ساياھەتچى، رەسىم سىزىش ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلدى.