6 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، بىر خىزمەتچى خادىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيى باش تېمىلىق پوچتىخانىسىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيى» ئالاھىدە پوچتا ماركىسى چاپلانغان تۇنجى كونۋېرتنى كۆرسەتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خې فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر دەي شياۋخې) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، دۆلەت پوچتا ئىدارىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيى ئالاھىدە پوچتا ماركىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ بىر يۈرۈش پوچتا ماركىسىنىڭ بىر يۈرۈشى بىر دانە بولۇپ، پوچتا ماركىسىنىڭ يۈزىدىكى قىممىتى 1.20 يۈەن، تارقىتىلىش مىقدارى 8 مىليون 200 مىڭ يۈرۈش، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تارقىتىدۇ.
پوچتا ماركىسىنى لايىھەلەشتە ئاساسىي ۋە قوشۇمچە ماركا لايىھە شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، ئاساسىي پوچتا ماركىسىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئۇدۇل پۈتۈن كۆرۈنۈشى كۆرۈنۈش سۇبيېكتى قىلىنغان، ئارقا كۆرۈنۈشى كۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت بىلەن كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ھەيۋەتلىكلىكى گەۋدىلەندۈرۈلگەن؛ قوشۇمچە پوچتا ماركىسىدا نەقىش ئويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆرگەزمە سارىيىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى تەسۋىرلەنگەن، پۈتۈن كۆرۈنۈشنىڭ تۈزۈلۈشى تولۇپ تاشقان، كېڭىيىش كۈچىگە تولغان. بۇ بىر يۈرۈش پوچتا ماركىسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بەلگىلەنگەن پوچتا تور نۇقتىسى، پوچتا ماركىسى توپلاش تور زالى، جۇڭگو پوچتا يان تېلېفون تېرمىنالى ۋە جۇڭگو پوچتا مىكرو پوچتا ئىدارىسى پوچتا ماركىسى توپلاش ۋېيشىن سودا شەھەرچىسىدە سېتىلىدۇ.
شۇ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىنىڭ باش تېمىلىق پوچتا ئىدارىسى رەسمىي يوپۇق ئېچىپ، مەخسۇس پوچتا نومۇرى «100100»نى ئىشقا كىرىشتۈردى، قىممەتلىك قىزىل پوچتا ماركىسى كۆرگەزمىسى، باش تېمىلىق پوچتا بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، پوچتا ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمىتى، پوچتا ئاپتوماتىك مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى تەسىس قىلىپ، تاماشىبىنلارنى مول، ئۆزگىچە مەدەنىيەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.