تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بۈگۈنكى يەنئەن گۈزەل يۆگىمە رەسىم

6-ئاينىڭ 3-كۈنى، يەنئەن شەھەر رايونىغا بوشلۇقتىن نەزەر. (چى شياۋجۈن فوتوسى)

    يەنئەن جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددەس جايى. 1935-يىلىدىن 1948-يىلىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بۇ يەردە مىسلىسىز جاپالىق بولغان 13 يىلنى ئۆتكۈزدى. يەنئەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ماڭغان شانلىق مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يەنئەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاندى. كەسىپلەر گۈللەنگەن، خەلق تۇرمۇشى باياشات، ئېكولوگىيەسى گۈزەل بولغان بىر پارچە گۈزەل يېڭى يۆگىمە رەسىم ئاستا-ئاستا نامايان بولدى.

    يەنئەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مۇۋەپپەققىيەتلەر كۆرۈنەرلىك بولدى. 2020-يىلى، پۈتۈن شەھەردە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قاتناش مۇساپىسى 943 كىلومېتىرغا يېتىپ، ھەممە ناھىيەلىرىگە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشتى؛ تۆمۈريول تىجارەت مۇساپىسى 600 كىلومېتىرغا يەتتى، نەننىۋەن ئايرودۇرۇمى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى؛ يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا كۈچ قوشتى؛ قىزىل مەدەنىيەت، قىزىل ساياھەت تېز تەرەققىي قىلدى.

    يەنئەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى. 1999-يىلىدىن بۇيان جەمئىي 10 مىليون 776 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر قايتۇرۇلۇپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %53.1كە، يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى %81.3كە ئۆستۈرۈلۈپ، بۇ تۇپراقتا سېرىقلىقتىن يېشىللىققا ئۆتۈشتەك تارىخىي ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

    يەنئەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. 2019-يىلى، يەنئەن مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگەتتى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، پۈتۈن شەھەردىكى نامرات ئاممىنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىندى. 2020-يىلى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئايرىم-ئايرىم ھالدا 36 مىڭ 577 يۈەن، 12 مىڭ 845 يۈەنگە يەتتى.

يەنئەن شەھىرى باۋتا رايونى نەننىۋەن بازىرى پارتىيە ئىزنىكى مەيدانىدا، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىماقتا. (ليۇ شۈەييې فوتوسى)

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، يەنئەن شەھىرى زاۋيۈەن ئىنقىلابىي ئەسلىي جايىدا، قىزىل تەربىيەگە قاتناشقان ياشلار ئىنقىلابىي يىللارنى قايتا ئەسلەپ، قىزىل مەدەنىيەتنى ھېس قىلماقتا. (لېي شېڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.