تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ قورغاسنى توردا ساياھەت قىلغانلار 8 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى

  ئاپتور: جەزىرە نېسىپبېك، جاڭ شياۋفۇ

6-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇساۋگۇ بازىرى سىگۇڭ كەنتىدىكى جيېيوۋ مەلىكە ئۈستىقۇددۇس دېھقانچىلىق مەيدانىدا ساياھەتچىلەر گۈل سەيلىسى قىلماقتا. (جاڭ چىڭخۇا فوتوسى)

  1 مىليون يۈەن! بۇ، تور دارېنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خې جياۋلۇڭ 6-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە بىر سائەتلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە تونۇشتۇرۇپ ساتقان ئۈستىقۇددۇس مەھسۇلاتلىرى سوممىسى. بۇ مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىش خې جياۋلۇڭنىڭ 2021 ئىلى · خەلقئارا ساياھەت جىلغىسى قورغاس 10-نۆۋەتلىك ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيىتى خەلقئارا ساياھەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۈچۈن قىلغان ئالدىن قىزىتىش پائالىيىتى.

  6-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 10دا، ساياھەت بايرىمى قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇساۋگۇ بازىرى سىگۇڭ كەنتىدىكى جيېيوۋ مەلىكە ئۈستىقۇددۇس دېھقانچىلىق مەيدانىدا باشلاندى. پائالىيەتتە «گۈل دېڭىزىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش · توردا قورغاسنى ساياھەت قىلىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ناخشا-ئۇسسۇل، ئۈستىقۇددۇس مېيى ئېكستراكلاش ھۈنەر-سەنئىتى كۆرگەزمىسى، گۈل دېڭىزىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، مەنزىرە رايونىنى توردا ساياھەت قىلىش قاتارلىقلار مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «بۇ يىلقى ئۈستىقۇددۇس مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى 10-نۆۋەتلىك بايرام بولۇپ، مۇھىم نۇقتىسى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋە توردا ساياھەت قىلىش.» قورغاس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم جۇ شياۋفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىدا شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىن 31 تور دارېنى پۈتۈن جەرياننى بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ گۈل دېڭىزىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋە كەڭساي جىندىڭ مەنزىرە رايونى، جۇڭخۇا فۇشوۋشەن مەنزىرە رايونى، كۈرە قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى، تۇكەي قۇملۇق مەنزىرە رايونى، سىگۇڭ كەنتى پۇقراۋى قونالغۇسىنى ھېس قىلىش قاتارلىق باش تېما پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاماشىبىنلار مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، شىنلاڭ تورى، تېڭشۈن سىن سۇپىسى، جۇڭگو بىۋاسىتە كۆرسىتىش ساياھەت تورى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق كۆرەلەيدۇ.

  6-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 18دە، بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەن بۇ سىن پۈتۈن توردا  8 مىليون 385 مىڭ ئادەم قېتىم كۆرۈلگەن، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇشتا پۈتۈشۈش سوممىسى 3 مىليون 310 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  «<توردا قورغاسنى ساياھەت قىلىش> بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى بىز تاراتقۇچىلارغا زور ئىلھام بەردى، مەن تېخىمۇ كۆپ تاراتقۇ دارېنلىرىنىڭ ئىلى مەدەنىيەت-ساياھەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى تور دارېنى شۈ جيېجى.

  شۈ جيېجىنىڭ توردىكى نامى «شىنجاڭلىق جى ئاكا» بولۇپ، مىليون مەستانىسى بار. ئۇ ئۇدا ئون نۆۋەت ئۈستىقۇددۇس بايرىمىغا قاتناشقانىدى. 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى پائالىيەتتە، ئۇ ئىككى سىن  ئېلان قىلىپ، ئايرىم-ئايرىم 679 مىڭ ۋە 560 مىڭ كۆرۈش مىقدارىغا ئېرىشتى.

  نۆۋەتتە، قورغاسنىڭ ئۈستىقۇددۇس تېرىلغۇ كۆلىمى تەخمىنەن 50 مىڭ مو بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئۈستىقۇددۇس تېرىقچىلىق بازىسى، قۇرۇتۇلغان ئۈستىقۇددۇس گۈلى، ئۆسۈملۈك مېيى، ئائىلە بېزەكلىرى قاتارلىق كۆپ خىل مەھسۇلاتلار بار، شۇ جايدىكى ئۈستىقۇددۇس كەسپى ۋە ئۈستىقۇددۇس باش تېما قىلىنغان خاس مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى