تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شېنجوۋ 12 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى 6 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى سائەت 9دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە قويۇپ بېرىلىدۇ

ئۇچۇش گۇرۇپپىسى بېكىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گەنسۇ جيۇچۈەن، 6 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇاڭ مىڭ، لى يۈن، جاڭ مىمى) شېنجوۋ 12 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى 6 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى سائەت 9دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە قويۇپ بېرىلىدۇ، ئۇچۇش گۇرۇپپىسى نيې خەيشېڭ، ليۇ بومىڭ ۋە تاڭ خۇڭبودىن ئىبارەت ئۈچ كىشىدىن تەشكىللەنگەن.

بۇنى جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى جى چىمىڭ 6 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن شېنجوۋ 12 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا جاكارلىدى.

جى چىمىڭ مۇنداق دېدى: بوشلۇق پونكىتى باسقۇچلۇق ئۇچۇش ۋەزىپىسى باش قوماندانلىق ئىشتابى تەتقىق قىلىپ، دەل بېيجىڭ ۋاقتى 6 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى سائەت 9دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجوۋ 12 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى، ئۇچۇش گۇرۇپپىسى نيې خەيشېڭ، ليۇ بومىڭ ۋە تاڭ خۇڭبودىن ئىبارەت ئۈچ كىشىدىن تەشكىللەندى، نيې خەيشېڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، جەي جىگاڭ، ۋاڭ ياپىڭ، يې گۇاڭفۇ زاپاس ئالەم ئۇچقۇچىسى بولدى. ئالەم ئۇچقۇچىسى نيې خەيشېڭ شېنجوۋ 6 ـ نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى، شېنجوۋ 10 ـ نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان، ئالەم ئۇچقۇچىسى ليۇ بومىڭ شېنجوۋ 7 ـ نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان، ئالەم ئۇچقۇچىسى تاڭ خۇڭبونىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچۇشى.

جى چىمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان چاڭجېڭ 2 ـ نومۇرلۇق F تىپلىق يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان 12 راكېتاغا 6 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىتتىرگۈچ ماددا قاچىلىنىدۇ.

جى چىمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شېنجوۋ 12 ـ نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى بوشلۇق پونكىتىدىكى ھالقىلىق تېخنىكىنى دەلىللەش باسقۇچىدىكى 4 ـ قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسى، شۇنداقلا بوشلۇق پونكىتى باسقۇچىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى بولۇپ، ۋەزىپىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى تۆۋەندىكىچە: ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت تۇرۇشى، قايتا ھاسىل قىلىش شەكلىدىكى ھاياتلىق كاپالىتى، بوشلۇق ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش، بۆلۈمچىدىن چىقىپ پائالىيەت قىلىش، بۆلۈمچە سىرتىدا مەشغۇلات قىلىش، ئوربىتىدا رېمونت قىلىش قاتارلىق بوشلۇق پونكىتىنى قۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى ئوربىتىدا دەلىللەش، دۇڭفېڭ قونۇش مەيدانىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئىزدەش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈش؛ كۆپ ساھەدىكى بوشلۇقتىن ئەمەلىي پايدىلىنىش ۋە تەجرىبە (سىناق) قىلىشنى قانات يايدۇرۇش؛ قۇرۇلۇشنىڭ ھەرقايسى سىستېمىلىرىنىڭ بوشلۇق پونكىتى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش فۇنكسىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۇنىۋېرسال باھالاپ، تەكشۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرقايسى سىستېمىلار ئارىسىدىكى ماس كېلىشىشچانلىق ۋە ماسلىشىشچانلىقنى باھالاپ، كېيىنكى ۋەزىپىلەر ئۈچۈن تەجرىبە توپلاش.

پىلان بويىچە، شېنجوۋ 12 ـ نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى ئوربىتىغا كىرگەندىن كېيىن، مۇستەقىل تېز ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىش ئەندىزىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىنىڭ ئالدى تەرەپتىكى ئېغىزىغا ئۇدۇللىشىپ، تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسى، تيەنجوۋ 2 ـ نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى بىلەن بىرىكمە گەۋدە شەكىللەندۈرىدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يادرولۇق بۆلۈمچىگە ئورۇنلىشىپ، ئاسمان بىلەن يەر يۈزىدە ماس قەدەمدە مەشغۇلات قىلىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىپ، خىزمەت، تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، تەخمىنەن ئۈچ ئاي تۇرغاندىن كېيىن، ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلۈمچىسىگە ئولتۇرۇپ دۇڭفېڭ قونۇش مەيدانىغا قايتىپ كېلىدۇ.

نۆۋەتتە، تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسى بىلەن تيەنجوۋ 2 ـ نومۇرلۇق يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى بىرىكمە گەۋدىسىنىڭ ھالىتى تۇراقلىق، تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەرنىڭ خىزمىتى نورمال بولۇپ، ئۇچرىشىپ ئۇدۇللىشىش بىلەن ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش شارائىتىنى ھازىرلىدى. شېنجوۋ 12 ـ نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ھەرقايسى سىستېمىلار ئۇنىۋېرسال مانېۋىرنى تاماملىدى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۇچۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ھالىتى ياخشى، قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىقلار ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.