تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى 8 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى (2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى ئۇلاپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى 8 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى(2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى ئۇلاپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي خەلق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئاساسىي خىزمەت. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 7 - بەش يىللىق قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسى يىرىك پىلانى(2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە) ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇپ تاماملىنىپ، مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، «قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا شۇ ئومۇملاشتۇرۇش» قاتارلىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى كەڭ يولغا قويۇلۇپ، قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىق قارىشى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىشى، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشى پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قانۇننى ھۆرمەت قىلىش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولۇشقا جىددىي تەلەپ قويدى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 8 - بەش يىللىق قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئومۇمىي خەلق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش ئۈچۈن، بۇ يىرىك پىلان تۈزۈلدى.

«يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ئارقىلىق ئومۇمىي خەلق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئاساسلىق نىشان 2025 - يىلىغا بارغاندا، پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسى ۋە جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى سىستېمىسىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش. پۇقرالارنىڭ قانۇن - نىزاملارنى بىلىش دەرىجىسى، قانۇنچىللىق روھىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى، قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى ئىشلىتىش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش. كۆپ قاتلام، كۆپ ساھەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇننى ئىشلىتىدىغان، زىددىيەتنى تۈگىتىشتە قانۇنغا تايىنىدىغان قانۇنچىللىق مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش. ئومۇمىي خەلق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەل بولغان، يولغا قويۇلۇشى دەل جايىدا بولغان، باھالاش ئىلمىي بولغان، مەسئۇلىيەت ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن خىزمەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش.

«يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى تەشۋىق قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى تەشۋىق قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش، پارتىيە ئىچىدىكى نىزاملارنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش كېرەك.

«يىرىك پىلان»دا يەنە پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

«يىرىك پىلان»دا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىستېما قارىشى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي خەلق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم خىزمەت كۈنتەرتىپىگە قويۇپ، ئۆز رايونى، ئۆز سىستېمىسىنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىي خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باھالاش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ جانلىق، تەسىرلىك بولۇشىغا، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.