تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تۈپتۈز كەتكەن بىر يول تەيخاڭ قىزىل «مەرۋايىت زەنجىرى»نى تۇتاشتۇردى

  4-ئاينىڭ 27-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى تەۋەسىدىكى تەيخاڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: تەيخاڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تەيخاڭشەن تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكىنى بويلاپ يىلان باغرى سوزۇلۇپ، شىمالدا بېيجىڭ مېنتۇگۇدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا خېنەن لىنجوۋغا تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي مۇساپىسى 680 كىلومېتىر بولۇپ، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن لىنىيە تۇتاشتۇرۇلغان.

  خېبېي ئۆلكىسى تەۋەسىدە، تەيخاڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى جاڭجياكۇ، باۋدىڭ، شىجياجۇاڭ، شىڭتەي، خەندەندىن ئىبارەت بەش شەھەردىن كېسىپ ئۆتۈپ، 19 ناھىيە(شەھەر، رايون)گە تۇتىشىدۇ، تەيخاڭشەن كونا ئىنقىلابىي رايونىنى پۈتۈنلەي قاپلاپ، چېڭنەنجۇاڭ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھەربىي-سىياسىي داشۆسىنىڭ ئەسلىي جايى، 129-شى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئەسلىي جايى قاتارلىق قىزىل يەر بەلگىلىرىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، «قىزىل ساياھەت يولى»غا ئايلاندى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى موۋ يۈ فوتوسى

6-ئاينىڭ 13-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان تەيخاڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ خېبېي ئۆلكىسى فۇپىڭ ناھىيەسىدىكى چېڭنەنجۇاڭ چىقىش-كىرىش ئېغىزى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

6-ئاينىڭ 13-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان خېبېي ئۆلكىسىنىڭ پىڭشەن ناھىيەسىدىكى شىبەيپو خاتىرە سارىيى تاشقى مەنزىرىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). 

ئېكسكۇرسىيەچىلەر خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شېشيەن ناھىيەسىدىكى 129-شى كۆرگەزمىخانىسىغا كىرمەكتە (4-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). 

6-ئاينىڭ 13-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان خېبېي ئۆلكىسى پىڭشەن ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تەيخاڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.