تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېمە - پاراخوت تونناژ بېجى قانۇنى

(2017 - يىل 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2018 - يىل 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى> قاتارلىق 15 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

1 - ماددا  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى سىرتىدىكى پورتتىن چېگرا ئىچىدىكى پورتقا كىرگەن كېمە - پاراخوتلار (تۆۋەندە قىسقارتىپ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلار دېيىلىدۇ) مۇشۇ قانۇن بويىچە كېمە - پاراخوت تونناژ بېجى (تۆۋەندە قىسقارتىپ تونناژ بېجى دېيىلىدۇ) تاپشۇرۇشى كېرەك.

2 - ماددا  تونناژ بېجىنىڭ باج تۈرى، باج نىسبىتى مۇشۇ قانۇننىڭ قوشۇمچىسىدىكى «تونناژ بېجىنىڭ باج تۈرى، باج نىسبىتى جەدۋىلى» بويىچە بولىدۇ.

3 - ماددا  تونناژ بېجىدا ئېتىبار باج نىسبىتى ۋە ئادەتتىكى باج نىسبىتى تەسىس قىلىنىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدىكى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلارغا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كېمە - پاراخوت بېجىدىن ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت مۇئامىلىسىدىن ئۆزئارا بەھرىمەن بولۇش ماددىسى بولغان شەرتنامە ياكى بىتىم تۈزۈشكەن كېمە - پاراخوت تەۋە دۆلەت (رايون)نىڭ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلىرىغا ئېتىبار باج نىسبىتى تەتبىقلىنىدۇ.

باشقا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلارغا ئادەتتىكى باج نىسبىتى تەتبىقلىنىدۇ.

4 - ماددا  تونناژ بېجى كېمە - پاراخوتلارنىڭ ساپ تونناژى ۋە تونناژ بېجى كىنىشكا مۆھلىتى بويىچە ئېلىنىدۇ.

باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوت مەسئۇلى ھەر قېتىم باج تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، «تونناژ بېجىنىڭ باج تۈرى، باج نىسبىتى جەدۋىلى» بويىچە، بىر خىل مۆھلەتتىكى تونناژ بېجى كىنىشكىسىنى تاللاپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

5 - ماددا  تونناژ بېجىدىكى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى كېمە - پاراخوت ساپ تونناژىنى تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتىگە كۆپەيتىش ئارقىلىق ھېسابلىنىدۇ.

6 - ماددا  تونناژ بېجىنى تاموژنا مەسئۇل بولۇپ ئالىدۇ. تاموژنا تونناژ بېجىنى ئالغاندا ھەق تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى بېرىشى كېرەك.

باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوت مەسئۇلى تونناژ بېجى تاپشۇرغان ياكى كېپىللىك بەرگەندىن كېيىن، تاموژنا ئۇ ئىلتىماس قىلغان كىنىشكا مۆھلىتى بويىچە تونناژ بېجى كىنىشكىسى بېرىدۇ.

7 - ماددا  باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلار پورتقا كىرىپ چېگرادىن كىرىش رەسمىيىتى بېجىرگەندە، تاموژنىغا باج تاپشۇرۇشنى مەلۇم قىلىپ تونناژ بېجى كىنىشكىسى ئېلىشى ياكى تونناژ بېجى كىنىشكىسىنى تەكشۈرتۈشى (ياكى تونناژ بېجى كىنىشكىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەشنى ئىلتىماس قىلىشى) كېرەك. باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلار پورتتىن ئايرىلىپ چېگرادىن چىقىش رەسمىيىتى بېجىرگەندە، تونناژ بېجى كىنىشكىسىنى تەكشۈرتۈشى (ياكى تونناژ بېجى كىنىشكىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەشنى ئىلتىماس قىلىشى) كېرەك.

باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوت مەسئۇلى تونناژ بېجى كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تاموژنىغا تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى بېرىشى كېرەك:

(1) كېمە - پاراخوتنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى ياكى دېڭىز ئىشلىرى تارمىقى ئىمزا قويۇپ تارقاتقان كېمە - پاراخوت دۆلەت تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسىنى ساقلاش ئىسپاتى؛

(2) كېمە - پاراخوت تونناژى ئىسپاتى.

باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلار تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ سەۋەبىدىن تېخى تاموژنا تەسىس قىلىنمىغان جايدا توختاپ قالغان بولسا، كېمە - پاراخوت مەسئۇلى دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى تاموژنىغا دوكلات قىلىشى ھەمدە تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان كۈچ سەۋەبى تۈگىتىلگەندىن كېيىن، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگىنى بويىچە تاموژنىغا باج تاپشۇرۇشنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

8 - ماددا  تونناژ بېجىنىڭ باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى ئۆتەلگەن ۋاقىت باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلار پورتقا كىرگەن كۈن بولىدۇ.

باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلاردىن تونناژ بېجى كىنىشكىسىنىڭ مۆھلىتى توشقاندىن كېيىنمۇ يەنە پورتتىن ئايرىلمىغانلىرى تونناژ بېجى كىنىشكىسى ئېلىشنى يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىشى، ئالدىنقى بىر قېتىملىق كىنىشكا مۆھلىتى توشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ تونناژ بېجىنى ئۇلاپ تاپشۇرۇشى كېرەك.

9 - ماددا  تۆۋەندىكى كېمە - پاراخوتلاردىن ئېلىنىدىغان تونناژ بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ:

(1) تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى خەلق پۇلى ھېسابىدا 50 يۈەندىن تۆۋەن بولغان كېمە - پاراخوتلار؛

(2) سېتىۋېلىش، ئىئانە ئېلىش، ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق چېگرا سىرتىدىن كېمە - پاراخوت ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، تۇنجى قېتىم پورتقا كىرگەن يۈكسىز كېمە - پاراخوتلار؛

(3) تونناژ بېجى كىنىشكىسىنىڭ مۆھلىتى توشقاندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە يولۇچى، يۈك سېلىنمايدىغان - چۈشۈرۈلمەيدىغان كېمە - پاراخوتلار؛

(4) موتورسىز كېمە - پاراخوتلار (موتورسىز چاتما كېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)؛

(5) تۇتمىچىلىق، باقمىچىلىق كېمىسى؛

(6) پاناھلىنىدىغان، يۇقۇم مۇداپىئەسى بويىچە ئايرىۋېتىلىدىغان، رېمونت قىلىنىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان، تىجارەتتىن مەڭگۈلۈك توختىتىلىدىغان ياكى چۇۋۇۋېتىلىدىغان ھەمدە يولۇچى، يۈك سېلىنمايدىغان - چۈشۈرۈلمەيدىغان كېمە - پاراخوتلار؛

(7) ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ياكى ئېلىپ ئىشلىتىدىغان كېمە - پاراخوتلار؛

(8) ساقچى كېمە - پاراخوتلىرى؛

(9) چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا - كونسۇلخانىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىل ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە باج كەچۈرۈم قىلىشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلىرى؛

(10) گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا كېمە - پاراخوتلار.

ئالدىنقى تارماقنىڭ 10 - تارماقچىسىدىكى باج كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

10 - ماددا  تونناژ بېجى كىنىشكىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۆھلىتى ئىچىدە، باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىنىڭ تونناژ بېجى كىنىشكىسىنىڭ مۆھلىتىنى تاموژنا ئەمەلىي كۈن سانىغا قاراپ تەستىقلاپ ئۇزارتىپ بېرىدۇ:

(1) پاناھلىنىدىغان، يۇقۇم مۇداپىئەسى بويىچە ئايرىۋېتىلىدىغان، رېمونت قىلىنىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان ھەمدە يولۇچى، يۈك سېلىنمايدىغان - چۈشۈرۈلمەيدىغان بولسا؛

(2) ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم ئېلىپ ئىشلىتىدىغان بولسا.

11 - ماددا  مۇشۇ قانۇننىڭ 9 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىنىڭ (5) تارماقچىسىدىن (9) تارماقچىسىغىچە بولغان تارماقچىلاردىكى، 10 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كېمە - پاراخوتلار دېڭىز ئىشلىرى تارمىقى، بېلىقچىلىق كېمە - پاراخوتلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق تارماق، ئاپپاراتلار چىقىرىپ بەرگەن قانۇن كۈچىگە ئىگە ئىسپات ھۆججىتى ياكى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ئىسپات ھۆججىتىنى چىقىرىپ بېرىپ، باج كەچۈرۈم قىلىش ياكى تونناژ بېجى كىنىشكىسى مۆھلىتىنىڭ ئۇزارتىش ئاساسى ۋە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

12 - ماددا  باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوت مەسئۇلى تاموژنا تونناژ بېجى پۇلىنى تاپشۇرۇش ئىسپاتىنى تارقاتقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە باج پۇلىنى تولۇق تاپشۇرۇپ بولۇشى كېرەك. باج پۇلىنى مۆھلەت ئىچىدە تاپشۇرمىغانلاردىن باج پۇلىنى كېچىكتۈرگەن كۈندىن باشلاپ باج پۇلىنى تولۇق تاپشۇرۇپ بولغان كۈنىگىچە، كېچىكتۈرۈلگەن باج پۇلىنىڭ ئونمىڭدىن بەشى بويىچە باج كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى كۈنىگە قاراپ قوشۇپ ئېلىنىدۇ.

13 - ماددا  باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلار پورتقا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، تاموژنىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن، چېگرادىن چىقىش - كىرىش رەسمىيىتىنى ئالدىن مەلۇم قىلغان ھەمدە بېجىرىپ بولغان بولسا، باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوت مەسئۇلى تاموژنىغا ئۆزىنىڭ قانۇن بويىچە تونناژ بېجى تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىغا مۇناسىپ كېپىللىك بېرىشى كېرەك؛ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلار پورتقا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تاموژنىغا باج تاپشۇرۇشنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

تۆۋەندىكى مال - مۈلۈك، ھوقۇق بىلەن كېپىللىك بېرىشكە بولىدۇ:

(1) خەلق پۇلى، ئەركىن ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان پۇل؛

(2) پېرېۋوت چېكى، خاس چەك، پۇل چېكى، زايوم، ئامانەت تالونى؛

(3) بانكىنىڭ، بانكىدىن باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ كېپىللىك خېتى؛

(4) تاموژنا قانۇن بويىچە ئېتىراپ قىلىدىغان باشقا مال - مۈلۈك، ھوقۇق.

14 - ماددا  باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلاردىن تونناژ بېجى كىنىشكىسى كۈچكە ئىگە مۆھلەت ئىچىدە رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش سەۋەبىدىن ساپ تونناژىدا ئۆزگىرىش بولغانلىرىنىڭ تونناژ بېجى كىنىشكىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ. باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلار چېگرادىن چىقىش - كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، كېمە - پاراخوتنىڭ رېمونت قىلىنغانلىق، ئۆزگەرتىلگەنلىك ئىسپات ھۆججىتىنى بېرىشى كېرەك.

15 - ماددا  باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلاردىن تونناژ بېجى كىنىشكىسى كۈچكە ئىگە مۆھلەت ئىچىدە باج تۈرى، باج نىسبىتىنى تەڭشەش ياكى كېمە - پاراخوت تەۋەلىكىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقى سەۋەبىدىن تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىرىنىڭ تونناژ بېجى كىنىشكىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

كېمە - پاراخوت تەۋەلىكىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقى سەۋەبىدىن تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتىدە ئۆزگىرىش بولسا، باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلار چېگرادىن چىقىش - كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، كېمە - پاراخوت تەۋەلىكى ئۆزگەرگەنلىك ئىسپات ھۆججىتىنى بېرىشى كېرەك.

16 - ماددا  تونناژ بېجى كىنىشكىسى مۆھلىتى توشۇشتىن بۇرۇن بۇزۇلغان ياكى يىتىپ كەتكەن بولسا، ئەسلىي كىنىشكا تارقاتقان تاموژنىغا تونناژ بېجى كىنىشكىسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىپ بېرىشنى يازما ئىلتىماس قىلىش كېرەك، تولۇقلاپ باج تاپشۇرۇلمايدۇ.

17 - ماددا  تاموژنا باج پۇلىنىڭ ئاز ئېلىنغانلىقى ياكى ئېلىنماي قالغانلىقىنى بايقىغاندا، باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلاردىن باج پۇلىنى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ 1 يىل ئىچىدە باج پۇلىنى تولۇقلاپ ئېلىشى كېرەك. لېكىن باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن باج ئاز ئېلىنغان ياكى ئېلىنماي قالغان بولسا، باج پۇلى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ 3 يىل ئىچىدە، تاموژنا باج پۇلىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئالسا بولىدۇ ھەمدە باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ، ئاز ئېلىنغان ياكى ئېلىنماي قالغان باج ئۈچۈن ئونمىڭدىن بەشى بويىچە باج كېچىكتۈرگەنلىك پۇلىنى كۈنىگە قاراپ قوشۇپ ئېلىشى كېرەك.

تاموژنا باج پۇلىنىڭ كۆپ ئېلىنغانلىقىنى بايقىغاندا، باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلارغا قايتۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىشنى 24 سائەت ئىچىدە ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە بانكىنىڭ شۇ مەزگىللىك قەرەلسىز ئامانەت پۇل ئۆسۈمىنى قوشۇپ ھېسابلىشى كېرەك.

باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلار باج پۇلىنىڭ كۆپ تاپشۇرۇلغانلىقىنى بايقىغاندا، باج پۇلىنى تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ 3 يىل ئىچىدە تاموژنىدىن ئارتۇق تاپشۇرغان باج پۇلىنى قايتۇرۇشنى ھەمدە بانكىنىڭ شۇ مەزگىللىك قەرەلسىز ئامانەت پۇل ئۆسۈمىنى قوشۇپ ھېسابلاشنى يازما شەكىلدە تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ تاموژنا باج قايتۇرۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ دەلىللىشى ھەمدە باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلارغا قايتۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىشنى ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلار مۇشۇ ماددىنىڭ 2 -، 3 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 3 ئاي ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

18 - ماددا  باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كېمە - پاراخوتلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى بولغانلىرىنى تاموژنا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باجنى تاپشۇرمىغان ياكى ئاز تاپشۇرغانلارغا تاپشۇرمىغان ياكى ئاز تاپشۇرغان باج پۇلىنىڭ %50ىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، لېكىن قويۇلىدىغان جەرىمانە 2000 يۈەندىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ:

(1) باج تاپشۇرۇشنى مەلۇم قىلىشتا، تونناژ بېجى كىنىشكىسى ئېلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىق؛

(2) تونناژ بېجى كىنىشكىسىنى تەكشۈرتۈشتە (ياكى تونناژ بېجى كىنىشكىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرىنى دەلىللەشنى ئىلتىماس قىلىشتا)، شۇنىڭدەك باشقا ئىسپات ھۆججەتلىرىنى بېرىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىق.

19 - ماددا  تونناژ بېجى، باج كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى، جەرىمانە خەلق پۇلى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

20 - ماددا  تونناژ بېجى ئېلىش توغرىسىدا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان بولسا، باج ئېلىشنى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىنىدۇ.

21 - ماددا  مۇشۇ قانۇندىكى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىنغان «تونناژ بېجىنىڭ باج تۈرى، باج نىسبىتى جەدۋىلى»دىكى تۆۋەندىكى ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

ساپ تونناژ − كېمە - پاراخوت تەۋە دۆلەت (رايون) ھۆكۈمىتى ئىمزالاپ تارقاتقان ياكى بېرىلگەن ھوقۇق بويىچە ئىمزالاپ تارقىتىلغان كېمە - پاراخوتنىڭ تونناژ ئىسپات قەغىزىدە بەلگىلەنگەن ساپ تونناژنى كۆرسىتىدۇ.

موتورسىز كېمە - پاراخوت − ئۆزىدە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى يوق، تاشقى كۈچكە تايىنىپ ھەرىكەتلىنىدىغان كېمە - پاراخوتنى كۆرسىتىدۇ.

موتورسىز چاتما كېمە − كېمە - پاراخوتنى تىزىمغا ئالغان ئاپپارات چاتما كېمە دەپ تىزىملىغان موتورسىز كېمە - پاراخوتنى كۆرسىتىدۇ.

تۇتمىچىلىق، باقمىچىلىق كېمە - پاراخوتى − جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلىقچىلىق كېمە - پاراخوتلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقى تۇتمىچىلىق كېمە - پاراخوتى ياكى باقمىچىلىق كېمە - پاراخوتى دەپ تىزىملىغان كېمە - پاراخوتنى كۆرسىتىدۇ.

سۆرىگۈچى كېمە - پاراخوت − تىرانسپورت كېمە - پاراخوتلىرىنى مەخسۇس سۆرەپ (ئىتتىرىپ) ماڭىدىغان مەخسۇس مەشغۇلات كېمە - پاراخوتىنى كۆرسىتىدۇ.

تونناژ بېجى كىنىشكىسىنىڭ مۆھلىتى مىلادىيە يىلى، كۈنى بويىچە ھېسابلانغان سۈرۈكنى كۆرسىتىدۇ.

22 - ماددا  بۇ قانۇن 2018 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 2011 - يىل 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېمە - پاراخوت تونناژ بېجى ۋاقىتلىق نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.

قوشۇمچىسى:

تونناژ بېجىنىڭ باج تۈرى، باج نىسبىتى جەدۋىلى

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.