تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى» قاتارلىق 15 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى

(2018 - يىل 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

16 - نومۇرلۇق

«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى> قاتارلىق 15 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 - يىغىنىدا 2018 - يىل 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2018 - يىل 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى

13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 - يىغىنى مۇنۇلارنى قارار قىلدى:

1. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

(1) 7 - ماددىدىكى «ئورمانچىلىق» دېگەن سۆز «ئورمانچىلىق - ئوتلاق» دەپ تۈزىتىلدى.

(2) 35 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى «چېگرادىن كىرگۈزۈش - چىقىرىش كارانتىنىنى قانۇن بويىچە قىلدۇرۇش كېرەك. تاموژنا تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى ئىمپورت - ئېكسپورتقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتى، كارانتىن ئىسپاتىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە ئۆتەپ بېرىدۇ» دېگەن مەزمۇن «تاموژنا چېگرادىن كىرگۈزۈش - چىقىرىش كارانتىنىنى قانۇن بويىچە قىلدۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى ئىمپورت - ئېكسپورتقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتى، كارانتىن ئىسپاتىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە ئۆتەپ بېرىدۇ» دەپ تۈزىتىلدى.

(3) 37 - ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى «چېگرا كارانتىنىنى قانۇن بويىچە قىلدۇرۇشى كېرەك. تاموژنا بەلگىلىمە بويىچە تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى ئىمپورت تەستىق ھۆججىتىگە ياكى ئىمپورت - ئېكسپورتقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتىغا، شۇنىڭدەك كارانتىن ئىسپاتىغا قاراپ ئۆتەپ بېرىدۇ» دېگەن مەزمۇن «تاموژنا قانۇن بويىچە چېگرا كارانتىنى قىلدۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى ئىمپورت تەستىق ھۆججىتىگە ياكى ئىمپورت - ئېكسپورتقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتىغا، شۇنىڭدەك كارانتىن ئىسپاتىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە ئۆتەپ بېرىدۇ» دەپ تۈزىتىلدى.

(4) 48 -، 49 -، 51 - ماددىدىكى «سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى» دېگەن سۆز «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

(5) 52 - ماددىدىكى «پىرىيوم - كارانتىن» دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلدى.

2. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

30 - ماددىدىكى «مۇشۇ قانۇننىڭ 26 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى بېرىشنى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قارار قىلسىمۇ بولىدۇ» دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلدى.

3. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

(1) 29 - ماددىدىكى «مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇھىت مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتى» دېگەن سۆز «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ مۇھىت قانۇن ئىجراسى ئاپپاراتى» دەپ تۈزىتىلدى.

(2) 40 -، 58 - ماددىدىكى «سۈپەت نازارەتچىلىكى تارمىقى» دېگەن سۆز «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى» دەپ، «مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى» دېگەن سۆز «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسئۇل تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

(3) 52 - ماددىدىكى «مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى» دېگەن سۆز «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسئۇل تارمىقى» دەپ، «سۈپەت نازارەتچىلىكى، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار» دېگەن سۆز «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار» دەپ تۈزىتىلدى.

(4) 98 - ماددىدىكى «مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇ ھاۋالە قىلغان مۇھىت مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتى» دېگەن سۆز «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ مۇھىت قانۇن ئىجراسى ئاپپاراتى» دەپ، «مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى» دېگەن سۆز «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسئۇل تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

(5) 101 -، 104 - ماددىدىكى «چېگرا پىرىيوم - كارانتىن ئاپپاراتى» دېگەن سۆز «تاموژنا» دەپ تۈزىتىلدى.

(6) 103 - ماددىدىكى «سۈپەت نازارەتچىلىكى، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە» دېگەن سۆز «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

(7) 107 - ماددىدىكى «مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارماقلىرى» دېگەن سۆز «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسئۇل تارمىقى» دەپ، «سۈپەت نازارەتچىلىكى» دېگەن سۆز «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش» دەپ تۈزىتىلدى.

(8) 110 - ماددىدىكى «سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، چېگرا پىرىيوم - كارانتىن ئاپپاراتى» دېگەن سۆز «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى، تاموژنا» دەپ تۈزىتىلدى.

(9) 114 -، 117 - ماددىدىكى «مۇھىت ئاسراش قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى» دېگەن سۆز «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارمىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلىرى» دەپ تۈزىتىلدى.

(10) 4 -، 5 -، 8 -، 9 -، 11 -، 15 -، 20 -، 21 -، 22 -، 23 -، 24 -، 25 -، 28 -، 30 -، 31 -، 38 -، 49 -، 50 -، 53 -، 54 -، 55 -، 56 -، 78 -، 86 -، 87 -، 88 -، 91 -، 92 -، 93 -، 94 -، 95 -، 97 -، 99 -، 100 -، 105 -، 108 -، 109 -، 111 -، 112 -، 120 -، 122 -، 126 - ماددىدىكى «مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى» دېگەن سۆز «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسئۇل تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

4. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

62 - ماددىدىكى «رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە» دېگەن سۆز «رادىيو - تېلېۋىزىيە، كىنو» دەپ تۈزىتىلدى.

5. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

59 - ماددىدىكى «رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە» دېگەن سۆز «رادىيو - تېلېۋىزىيە، كىنو» دەپ تۈزىتىلدى.

6. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

(1) 68 - ماددىدىكى «ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە تارماقلىرى» دېگەن سۆز «ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە مەسئۇل تارمىقى» دەپ، «سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى» دېگەن سۆز «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

(2) 6 -، 29 -، 47 -، 49 -، 50 -، 51 -، 52 -، 53 -، 55 -، 57 -، 58 -، 59 -، 60 -، 61 -، 62 -، 63 -، 64 -، 66 -، 67 -، 71 -، 73 -، 74 - ماددىدىكى «سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى» دېگەن سۆز «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

7. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

(1) 18 -، 19 -، 74 - ماددىدىكى «مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىكى تارمىقى» دېگەن سۆز «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

(2) 70 -، 73 - ماددىدىكى «مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىكى تارمىقى» دېگەن سۆز «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى، «سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى» دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلدى.

8. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

(1) 5 -، 11 - ماددىدىكى «ئورمانچىلىق» دېگەن سۆز «ئورمانچىلىق - ئوتلاق» دەپ، «مۇھىت ئاسراش» دېگەن سۆز «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت» دەپ تۈزىتىلدى.

(2) 14 -، 15 -، 16 -، 24 -، 26 - ماددىدىكى «ئورمانچىلىق» دېگەن سۆز «ئورمانچىلىق - ئوتلاق» دەپ تۈزىتىلدى.

(3) 18 - ماددىدىكى «دېھقانچىلىق (چارۋىچىلىق) مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى» دېگەن سۆز «ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چارۋىچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە» دەپ تۈزىتىلدى.

(4) 38 - ماددىدىكى «ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق (چارۋىچىلىق) مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە» دېگەن سۆز «ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

(5) 39 - ماددىدىكى «دېھقانچىلىق (چارۋىچىلىق)، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە» دېگەن سۆز «ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

9. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

12 - ماددىنىڭ 1 -، 2 - تارمىقى قوشۇلۇپ بىر تارماق قىلىنىپ مۇنداق تۈزىتىلدى: «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى يېزا ئىگىلىكى ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە تەشكىللىشى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.»

10. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

(1) 15 - ماددىدىكى «مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى» دېگەن سۆز «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسئۇل تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

(2) 40 - ماددىدىكى «يېمەكلىك - دورا نازارەتچىلىكى تارمىقى» دېگەن سۆز «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

(3) 52 - ماددىدىكى «سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى» دېگەن سۆز «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

11. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

(1) 5 -، 12 -، 14 -، 17 -، 18 -، 19 -، 28 - ماددىدىكى «مۇھىت ئاسراش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلار» دېگەن سۆز «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلار» دەپ تۈزىتىلدى.

(2) 35 - ماددىدىكى «ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى» دېگەن سۆز «ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

(3) 51 - ماددىدىكى «مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىكى تارمىقى» دېگەن سۆز «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى، «ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىكى تارمىقى شۇ دەرىجىلىك سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنى ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرىدۇ، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى» دېگەن مەزمۇن چىقىرىۋېتىلدى.

(4) 54 -، 56 - ماددىدىكى «سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى» دېگەن سۆز «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

12. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

(1) 83 - ماددىدىكى «سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىكى» دېگەن سۆز «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش» دەپ تۈزىتىلدى.

(2) 95 -، 104 - ماددىدىكى «سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى» دېگەن سۆز «بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

13. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

(1) 22 - ماددىدىكى «دېڭىز - ئوكيان مەسئۇل تارمىقى» دېگەن سۆز «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسئۇل تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

(2) 10 -، 14 -، 15 -، 20 -، 21 -، 23 - ماددىدىكى «مۇھىت ئاسراش مەسئۇل تارمىقى» دېگەن سۆز «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسئۇل تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

14. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانا قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

51 - ماددىدىكى «نەشرىيات مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى» دېگەن سۆز «نەشرىيات مەسئۇل تارمىقى» دەپ تۈزىتىلدى.

15. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېمە - پاراخوت تونناژ بېجى قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

11 - ماددىدىكى «ياكى چېگرا پىرىيوم - كارانتىن تارمىقى» دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلدى.

بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېمە - پاراخوت تونناژ بېجى قانۇنى»غا مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.