تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاراماي: نېفىت شەھىرى «ساياھەت شەھىرى»گە ئايلاندى

قاراماي شەھىرى تەۋەسىدىكى G3014 كۈيتۈن - ئالتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، G3015 كۈيتۈن - چۆچەك يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى ۋە G217 دۆلەت يولى ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكى(6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، ياۋ گاڭ، ۋاڭ جىڭجىڭ

كۈيتۈن شەھىرىدىن چىقىپ، كۈيتۈن - ئالتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىمالغا 100 نەچچە كىلومېتىر ماڭغاندا، ئالدىمىزدىكى چۆل - جەزىرىدە بىردىنلا قويۇق ئورمان بەلبېغى پەيدا بولدى. قويۇق يېشىل ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى دەل قاراماي شەھىرى ئىدى.

6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش»نىڭ 4 - قىسمى باشلاندى، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى كۈيتۈن - ئالتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى بويلاپ، «جۇمھۇرىيەتنىڭ نېفىت سەركىسى» − قاراماي شەھىرىگە كىرىپ، «چۆل - باياۋان سەپىرى مودا شەھەر»نىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ساياھەت قىلىشقا باب كېلىش

لەرزان مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ، ئىككى بىلىكىنى يېنىك يېيىپ، ئاستا - ئاستا مۇشت ئېتىش... سەھەر سائەت 7دىن ئاشقاندا، قاراماي شەھىرىدىكى 68 ياشلىق ئاھالە بەي شيەنياڭ قاراماي 1 - نومۇرلۇق قۇدۇق مەنزىرە رايونى نېفىت خاتىرە مەيدانىغا كېلىپ، پىششىق بىلىدىغان بىر يۈرۈش تەيجى گۇمپىسى مەشىقى قىلىش ئارقىلىق بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىنى باشلىدى.

1 - نومۇرلۇق قۇدۇق مەنزىرە رايونى نېفىت خاتىرە مەيدانىدا، ئېگىزلىكى 15 مېتىر، ئەڭ چوڭ دىيامېتىرى 28 مېتىر كېلىدىغان قاراماي چوڭ نېفىت كۆپۈكى ئاساسىي تېما قىلىنغان ھەيكەل بۇ مەيداننى توردا ئالقىشلانغان جەزمەن بارىدىغان نۇقتىغا ئايلاندۇرغانىدى. ھالبۇكى، 49 يىل ئىلگىرى، بەي شيەنياڭ تۇنجى قېتىم بۇ يەرگە كەلگەندە، سايە تاشلاپ تۇرىدىغان ياپيېشىل دەرەخلەرمۇ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان مەيدانمۇ يوق ئىدى. «بۇ يەر بىر چۆللۈك بولۇپ، ھېچنېمە يوق ئىدى!» دېدى ئۇ ئەسلەپ.

بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەر قاراماي شەھىرى ئاھالىلىرى ئارام ئالىدىغان جاي بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ساياھەتچىلەر چوقۇم بارىدىغان مەنزىرە نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

6 - ئاي كىرگەندە، چوڭ ماي كۆپۈكى ھەيكىلى بىلەن بىر يول ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان خېيىجىگې مېھمانسارىيى ساياھەتچىلەر دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى. بۇ بىرنەچچە كۈندە، مېھمانسارايدا قونۇش نىسبىتى تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلىدى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە، دەرۋازا ئالدىدا ھەر خىل ساياھەت ئاپتوبۇسلىرى توختايدىغان بولۇپ، ھەرقايسى جاي تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان ساياھەتچىلەر يۈك - تاقلىرىنى سۆرىگىنىچە ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى.

20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا، «قاراماي ناخشىسى» ھەممە يەرنى قاپلىغانىدى، كىشىلەر ناخشىدىن ئىلگىرىكى «ئوت - چۆپ يوق، سۇ يوق، ھەتتا قۇشلارنىڭ ئۇچقىنىمۇ كۆزگە چېلىقمايدىغان» بۇ جاينى بىلدى. بۈگۈنكى كۈندىكى قاراماي باغ - ئورمانلار ھەممە يەرنى قاپلىغان، دەريا - ئېقىنلار كېسىپ ئۆتكەن، ئىستىراھەتكە، دەم ئېلىشقا، سەيلە - ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان زامانىۋى ئىستىراھەت شەھىرى بولۇپ قالدى. دۇنيادىكى بىردىنبىر «نېفىت» نامى بىلەن ئاتالغان، يېڭى جۇڭگوغا تۇنجى چوڭ نېفىتلىك تەقدىم قىلغان بۇ شەھەر نېفىت سەۋەبلىك بارلىققا كەلگەن؛ بۈگۈنكى كۈندە قاراماي ساياھەتچىلىك ئارقىلىق گۈللەندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، قاراماي شەھىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 3 مىليون 193 مىڭ 900 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %104.94 ئاشتى؛ ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 948 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %98.83 ئاشتى.

يېڭى كەسىپ ھالىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى

6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، قاراماي شەھەر رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. ھاۋاغا ئوخشاش قىزىپ كەتكىنى يەنە شىنجاڭ شىنيۈ ئۆي ئاپتوموبىلى ساياھەت پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تېلېفونى ئىدى. 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلىنىدىغان بولۇپ، مەسلىھەت سوراش، ئاپتوموبىل زاكاز قىلىش تېلېفونى ئۈزۈلمىدى. بۇ يىل، بۇ شىركەت تىجارەتكە سالىدىغان ئۆي ئاپتوموبىلىنى 30غا كۆپەيتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئېھتىياجنى تولۇق قاندۇرالمىدى، ئۆي ئاپتوموبىللىرى 7 -، 8 - ئايغىچە پۈتۈنلەي زاكاز قىلىنىپ بولۇندى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش قاراماي شەھىرىدىكى ئەڭ قىزىغان ساياھەتچىلىك كەسىپ ھالىتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. قاتناش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، بولۇپمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان مۇھىم سەۋەب.

قاراماي شەھەرلىك ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋە ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى دۇەن چياڭ ئالاھىدە ساياھەتچىلىكتىكى نوپۇزلۇق ئۇستا. ئۇنىڭ ئەسلىشىچە، قاراماي شەھىرىدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقى 2015 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە باشلانغان، ھالبۇكى 2014 - يىلى دەل كۈيتۈن - ئالتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، كۈيتۈن - چۆچەك يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلانغان يىل ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ قارامايدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئالتايغا بېرىش ۋاقتى بەش - ئالتە سائەتتىن ئۈچ سائەت ئەتراپىغا قىسقارغان، چۆچەككە بېرىش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقارغان. دەسلەپتە، قاراماي شەھىرىنىڭ بىر قىسىم ئاھالىلىرى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش سېپىگە قوشۇلغان. كېيىن تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقان قاراماي شەھىرى تەدرىجىي ھالدا شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش تۈگۈنىگە ئايلانغان. «ئالتاي، تارباغاتاي، ئىلىغا بارىدىغان قاتناش قولايلىق بولغاچقا، بىز قاراماينى شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بويىچە يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىۋاتىمىز» دېدى قاراماي شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يى لېي.

«ھازىر، قاراماي شەھىرىنىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 26گە، ئاۋىياتسىيە نۇقتىسى 25كە يېتىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق بىرىنچى قاتاردىكى شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» يى لېي مۇنداق دېدى: ھاۋا قاتنىشىنىڭ قولايلىق بولۇشى قاراماينىڭ «تېز ئىلگىرىلىشى»نى ئىشقا ئاشۇردى، تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان تاشيوللار قاراماينىڭ «شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بويىچە يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى»لىك ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، شۇ جايغا بارغاندىن كېيىن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، باشقا جايدا ئاپتوموبىل قايتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش مۇلازىمەت تۈرلىرى ساياھەتچىلەرنى «ئاستا ساياھەت قىلىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىشەنچى يېتەرلىك

ئۆي ئاپتوموبىلى يېنىدا تاماق ئۈستىلى تەق قىلىندى، ئۆي ئاپتوموبىلىغا سەپلەنگەن تاماق ئېتىش سۇپىسىدا ماھارەت نامايان قىلىندى، بىردەمدىلا ئەتىراپنى شوخلا - تۇخۇم قورۇمىسىنىڭ، چىڭسەي - گۆش قورۇمىسىنىڭ مەززىلىك پۇرىقى قاپلىدى. 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، بېيجىڭدىن كەلگەن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققان ساياھەتچى لى پېڭ دوستلىرى بىلەن بىللە چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، ئەمدىلا قازاندىن چىققان مەززىلىك تائاملارنى تېتىدى. بۇ چاغدا، ئورقۇ خەلقئارا ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسى كەچكى شەپەق نۇرىدا ئالتۇن رەڭگە كىرگەنىدى.

«بۇ يەردە سۇ، توك ھەقسىز تەمىنلىنىدىكەن، شەھەر رايونىدىكى تەمىنلەشمۇ ناھايىتى قولايلىق ئىكەن، ئەتراپنىڭ مۇھىتىمۇ ياخشى ئىكەن.» لى پېڭ دالا لاگېرى باغچىسى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتتىن ناھايىتى رازى بولدى.

ئورقۇ خەلقئارا ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسىنى قاراماي شەھىرى «شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بويىچە يىغىلىش - تارقىلىش مەركىزى» بەرپا قىلىش ئۈچۈن قۇرغان بولۇپ، بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئاممىغا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. «قاراماي شەھىرى يەر شەكلىدىن قارىغاندا تار، ئۇزۇن بەلباغقا ئوخشايدۇ، جەنۇبتىكى ئورقۇ رايونىدا ئورقۇ خەلقئارا ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسى بەرپا قىلدۇق، شىمالدىكى مايتاغ رايونىدا مايتاغ - كۇچا چوڭ لاگېرى بەرپا قىلدۇق» دېدى يى لېي.

دالا لاگېرى باغچىسىغا جەمئىي 280 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئىچىدە قونالغۇدىن 298ى بار، توردا ئالقىشلانغان يۇقىرى دەرىجىلىك ياغاچ ئۆي لاگېر ئورنى، ئېسىل ئۆي ئاپتوموبىلى لاگېر ئورنى، دالا ھەشەمەتلىك چېدىر لاگېر ئورنى، بىرقەدەر ھەشەمەتلىك كونتېينېرلىق لاگېر ئورنى بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە سومكا ئېسىۋالغان ساياھەتچىلەرگە چېدىر دالا لاگېرى ئورنى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نېفىت شەھىرى قاراماينىڭ «ساياھەت ھىدى» بارغانسېرى قويۇقلاشتى: 2004 - يىلى قاراماي نېفىتلىكىگە تۇنجى تۈركۈمدىكى «مەملىكەت بويىچە سانائەت ساياھىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى» دەپ نام بېرىلدى؛ 2020 - يىلى ئورقۇ دۇنيا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قاتارىغا كىردى؛ يېقىندا ئېلان قىلىنغان «2021 - جۇڭگو ئىستىراھەت شەھەرلىرى تەرەققىيات دوكلاتى»دا، قاراماي شەھىرىنىڭ جۇڭگو شەھەر ئىستىراھەت كۆرسەتكۈچىدىكى ئۇنىۋېرسال رەت تەرتىپى ئالدىنقى 100 (شەھەر) ئىچىدە 10 - ئورۇندا تۇردى.

ياشانغان كىشى ۋاڭ گۇيشۈەن بۇ يىل 91 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 1956 - يىلى قاراماي شەھىرىگە كېلىپ، بىر ئۆمۈر نېفىت ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. بىر ئۆمۈر ئۆزىنى بېغىشلىغان بۇ ياشانغان كىشى يەنىلا قارامايدىن ئايرىلمىغان. ھەر قېتىم سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۇچراتقىنىدا، ئۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كېتىدۇ، دائىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىدۇ، ھەمىشە «بۇ جاي ياخشىمىكەن؟ سىلەرنىڭ ئۇ يەردە مۇشۇنداق جاي بارمۇ - يوق؟» دەپ سورايدۇ، ئۇ خۇددى بالىلاردەك پەخىرلىنىپ كۈلۈپ كېتىدۇ.

سەپەر خاتىرىسى

يول ئاياغ ئاستىمىزدا، شۇنداقلا قەلبىمىزدە

6- ئاينىڭ 3- كۈنى  پەيشەنبە   ھاۋا ئوچۇق

قارامايغا كېلىپ، ئازادە يوللار، رەتلىك كوچىلارنى، شەھەرنى كېسىپ ئۆتكەن دەريا ئېقىنىنى ۋە زامانىۋىلىققا تولغان مەدەنىي شەھەرنى كۆرۈپ، نامى ئۇزاقتىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن بۇ داڭلىق نېفىت شەھىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلدىم.

قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن يىللاردا، چۆل - باياۋاندا قەد كۆتۈرگەن بۇ نېفىت شەھىرى، ئىلگىرى كىشىلەرگە ناھايىتى كۆپ پەخىرلىنىش ھېسسىياتى، جاسارەتكە تولۇش كۈچى بېغىشلىغان بولۇپ، بىزنى نامراتلىق ھەم قالاقلىق ئىچىدە تەرەققىيات مۆجىزىسى يارىتىش ئىشەنچىسىگە ئىگە قىلدى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مارشى ئىچىدە، قاراماي يەنە باتۇرلۇق بىلەن ئېقىننىڭ بېشىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى «قاراماي ناخشىسى»نى ياڭراتتى.

قاراماي شەھىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى بىر ئومۇمىي خور بولۇپ، تەرەپ - تەرەپكە چېتىلىدۇ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش پەقەت شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. مەيلى قانداق تەرەققىيات پىكىر يولى بولسۇن، ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تەرەققىياتقا باھا بېرىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم قىلىشتۇر. قەلبتىكى يول خەلقنى مەركەز قىلغاندىلا، بەخت يولى ماڭغانسېرى شۇنچە كېڭىيىدۇ. (رېن جياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.