تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«پېشقەدەم بايراق چىقارغۇچى» ئۆيىگە قايتتى، قولۇم - قوشنىلىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، ليۇ شياڭ

دەستە - دەستە گۈللەر، يولىغا قاراپ تۇرغان كۆزلەر... 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى كەچ سائەت 10لار ئەتراپىدا، چۆچەك ئايرودۇرۇمىدا، سالىقجان ئىمىننى مەخسۇس كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن يۇرتداشلىرى ساقلاپ تۇرۇشقانىدى.

تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشنى كۆرۈپ، دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش «پېشقەدەم بايراق چىقارغۇچى» سالىقجاننىڭ ھېكايىلىرىنى ھەممە يەرگە كەڭ تاراتتى، بۇنىڭدىن يۇرتى چۆچەك شەھىرىدىكى ھەممە ئادەم خەۋەردار ئىدى.

چۆچەك ئايرودۇرۇمىدىن چىققاندا، كۆز ئالدىدىكى مەنزىرە سالىقجاننى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى.

«ھەممىڭلار كەپسىلەرغۇ؟» سالىقجان ئۆزىنى كۈتۈۋېلىشقا كەلگەنلەر بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، قۇچاقلاشتى.

«چاچقۇ، چاچقۇ...» بىرەيلەن قولىدا تەييار قىلىپ تۇرغان بىر پەتنۇس كەمپۈتنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە چاچتى («چاچقۇ» شۇ جاينىڭ ئۆرپ - ئادىتى بولۇپ، ھەر خىل كەمپۈتلەرنى چېچىش ئارقىلىق، بەخت تىلەش ۋە قارشى ئېلىشنى ئىپادىلەيدۇ).

«بىزنىڭ ئۈلگىمىز» «بىزنىڭ پەخرىمىز» «تاغا، بىز سىزدىن ئۆگىنىمىز»... كۈتۈۋېلىشقا كەلگەن كىشىلەر قوللىرىدىكى گۈللەرنى تەقدىم قىلىپ، بەس - بەستە سالىقجان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

«بۇ قېتىم بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى بىرلىكتە بېيجىڭغا بېرىپ بايراق چىقىرىشنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇش بولدۇق. بىز دادىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىمىز» دېدى سالىقجاننىڭ چوڭ قىزى خەمىدە دادىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.

ئايرودۇرۇمدىكى قىسقىغىنا كۈتۈۋېلىشتىن كېيىن، كۆپچىلىك بىرلىكتە سالىقجاننىڭ ھويلىسىغا قاراپ ماڭدى.

ئاپتوموبىل ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە، ھويلا سىرتى كۈتۈۋېلىشقا كەلگەن قولۇم - قوشنىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. تەنتەنە، ئالقىش سادالىرى كەينى - كەينىدىن ئاڭلىنىپ تۇردى.

سالىقجاننىڭ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈشى بىلەن ھويلىدا مۇزىكا ياڭراپ، سالىقجان ھويلىنىڭ ئوتتۇرىغا باشلاپ كېلىندى، كۆپچىلىك بەس - بەستە ئۇنىڭ بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتى.

«بىز تاغىمىزنىڭ بۈگۈن قايتىپ كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، كەلگۈچە ساقلاپ تۇردۇق.» يېڭى شەھەر كوچا باشقارمىسى قارادۆڭ مەھەللىسىنىڭ كادىرى تۇڭ مەننا مۇنداق دېدى: تاغىمىز ئىزچىل بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز، بۇ قېتىم يەنە بېيجىڭغا باردى، چوقۇم نۇرغۇن تەسىراتقا ئىگە بولدى، بىز تاغىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى سەپەر ھاسىلاتىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىغا ناھايىتى تەقەززامىز.

«سالىقجان تاغامنىڭ 12 يىل ئۆز ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىق ھېكايىسىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ» دېدى كۈتۈۋېلىشقا قاتناشقان شەھەر ئاھالىسى ئىمىنجان ئىمام.

«مەن بېيجىڭدا كۆرگەنلىرىمنى، ھېس قىلغانلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىمەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى پۇختا يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزىمەن» دېدى سالىقجان ھاياجانلانغان ھالدا كۆپچىلىككە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.