ساياھەتچىلەر جىڭگاڭشەندىكى «جىڭگاڭشەندىكى قىزىل بايراق» ناملىق ھەيكەلنىڭ ئالدىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا، سۈرەتكە چۈشمەكتە (4-ئاينىڭ 27-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى
ھەيۋەتلىك جىڭگاڭشەندە، قاتمۇقات تاغلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ يەر جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بۆشۈكى ھەم داڭلىق كونا ئىنقىلابىي رايون، ھەمدە ئىلگىرىكى تاغلار ئىگىز، يوللار تار قاتناش قولايسىز بولغان نامرات تاغلىق رايون ئىدى. 1927-يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جىڭگاڭشەندە تۇنجى يېزا ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇرۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىگە قاراپ ئاتلىنىشىدىكى شانلىق باشلىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلىغا ئەگىشىپ، جىڭگاڭشەن شەھىرى ساياھەتنى تۈۋرۈك قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېزلەتتى، ئىلگىرىكى نامرات تاغلىق رايون دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق ساياھەت يېڭى شەھىرىگە ئايلاندى، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى خەلق «ساياھەت تامىقى»غا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا ماڭدى.
2017-يىلى 2-ئايدا، جىڭگاڭشەن شەھىرى مەملىكەت بويىچە ئالدى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپاقنى ئېلىۋەتكەنلىكىنى رەسمىي جاكارلاپ، دۆلىتىمىزدە نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتكەن ناھىيە بولۇپ قالدى. «قىزىل رەڭ ئەڭ قىزىل، يېشىل رەڭ ئەڭ يېشىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەڭ ياخشى.» بۈگۈنكى جىڭگاڭشەندە، ھەممىلا يەردە مۇشۇنداق شوئارلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ، پۇقرالارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى، شۇنداقلا جىڭگاڭشەننىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئىزدىنىپ چىققان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جىڭگاڭشەنگە يەنە بېرىپ، سىن خاتىرىسى ئارقىلىق بۈگۈنكى ئۆزگۈرۈشلەر بىلەن ئۆتمۈشنى سېلىشتۇرۇپ، ئىنقىلابنىڭ مۇقەددەس جايى جىڭگاڭشەندىكى ئالەمشۇمۇل غايەت زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە تەرەققىي قىلغان يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى
ساياھەتچىلەر جىڭگاڭشەندە ساياھەت قىلماقتا(4-ئاينىڭ 27-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى
ساياھەتچىلەر جىڭگاڭشەندە ساياھەت قىلماقتا (4-ئاينىڭ 27-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى
بۇ جىڭگاڭشەن شەھىرىنىڭ گۇتيەن كەنتىدىكى تەتقىقات ئۆگىنىش بازىسى (4-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى
جىڭگاڭشەندىكى بىر چاي زاۋۇتىدا، ئىشچىلار چاي قورۇماقتا (2017-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى
ساياھەتچىلەر جىڭگاڭشەن شەھىرىنىڭ گۇتيەن كەنتىدىكى تەتقىقات ئۆگىنىش بازىسىدا سەيلە قىلماقتا(4-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى
جىڭگاڭشەن شەھىرىنىڭ گۇتيەن كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى سىبا ياساپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالماقتا(4-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى
ساياھەتچىلەر جىڭگاڭشەن داجىڭدا يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ كونا تۇرالغۇسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا(2017-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى
بۇ جىڭگاڭشەن شەھىرىنىڭ گۇتيەن كەنتىدىكى تەتقىقات ئۆگىنىش بازىسىنىڭ كۆرۈنۈشى (4-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى
جىڭگاڭشەن شەھىرىنىڭ گۇتيەن كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى چىغ چورۇق خاتىرە بۇيۇمى توقۇماقتا (4-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى
بۇ جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى(2017-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى تارتىلغان سۈرەت، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى
بىرىكمە سۈرەت: ئۈستىدىكى سۈرەت 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان جىڭگاڭشەن شەھىرىنىڭ ماۋپىڭ بازىرى شېنشەن كەنتى؛ ئاستىدىكى سۈرەت ساياھەتچىلەر شېنشەن كەنتىدە ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا (2021-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
بىرىكمە سۈرەت: ئۈستىدىكى سۈرەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا سۈرەتكە تارتىلغان جىڭگاڭشەن يىسۈيخۇ كۆلى باغچىسىنىڭ مەنزىرىسى(ماتېرىيال سۈرەت)؛ ئاستىدىكى سۈرەت 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان يىسۈيخۇ كۆلى باغچىسىنىڭ مەنزىرىسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى