تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈش ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىزاھلىنىشى

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

يېقىنقى نەچچە كۈندىن بۇيان، خوتەنلىك بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇش - داۋالاش توغرىسىدىكى ھېكايە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىپ، قەلبىنى ئىللىتتى. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايون بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى داغدۇغىلىق تەقدىرلىدى، بۇ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئالىيجاناب روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا رىغبەتلەندۈرۈشتە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەرد مەيداندا سىنىلار، خەۋپ - خەتەر ئىچىدە چىن ھېسسىيات بىلىنەر. بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشتا، ئەڭ ياخشى «ۋاقىت كۆزنىكى»نى قولغا كەلتۈرگەن ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىدىن «ئالاھىدە يول» ئاچقان قاتناش ساقچىلىرىغىچە؛ «ئۈمىد ئىشىكى»نى ئاچقان ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن «ھاياتلىق ھاۋا يولى»نى ياسىغان شىنجاڭ ئايروپورتىغىچە؛ «مۇستەھكەم ئارقا تىرەك» بىلەن تەمىنلىگەن يولۇچىلاردىن «كەسپىدىن جاۋاب قەغىزى» يېزىپ تاپشۇرغان تېببىي خادىملارغىچە... بۇ كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان ھاياتلىق كۈچ ئۇلىشىدا، بىرتۇتاش بۇيرۇق، بىر پۈتۈن قوماندانلىق بولمىغان ئەھۋالدا، ھەر ساھە، ھەر كەسىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ مىللەت ئايرىماي، رايون ئايرىماي، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، مەيلى قايسى كەسىپ بولسۇن، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارغانلىقى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ تۇپرىقىدا قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىزاھلىنىشى بولدى. بۇنىڭدىكى مېھىر - مۇھەببەت چەكسىز، مىننەتدارلىق چەكسىز. ھەقىقىي جەڭ مەيدانى بولمىسىمۇ، لېكىن جەڭ قاتتىق ھەم كەسكىن بولدى. قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا قاتناشقان ھەربىر كىشى يېڭى دەۋردىكى ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەردۇر!

قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلىپ، ئادىمىيلىك شانلىق نۇرى كۆزنى چاقناتتى. 1400 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى ھالقىغان، يەتتە سائەت داۋاملاشقان ئۈزۈلگەن بىلەكنى قايتا ئۇلاشتىن ئىبارەت بۇ بىر مەيدان ھاياتلىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان چوڭ كۈچ ئۇلاش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تەڭداشسىز ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، قەتئىي يىمىرىلمەس مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەركەزلىك ئىپادىلىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىدەك ھەقىقىي ئەھۋالنى تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈردى. تاسادىپىيلىقنىڭ كەينىدە مۇقەررەرلىك، مۆجىزىنىڭ كەينىدە لوگىكا بولىدۇ، قېرىنداشلاردەك ئېجىل، يېقىن ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتىن ئىبارەت بۇ تەسىرلىك ھېكايىنىڭ كەينىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دەيدىغان ئوتلۇق ھېسسىياتى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكى، تېز ئىنكاس قايتۇرىدىغان ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى بار، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا قولغا كەلتۈرگەن مىسلىسىز نەتىجىلىرى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، ھېچقانداق كىشى بەرگەنمۇ ئەمەس، بەلكى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئەمگىكى، ئەقىل - پاراسىتى، باتۇرلۇقى بىلەن يارىتىلغان!

تىپ دېمەك ئۈلگە دېمەكتۇر، ئىلغار دېمەك نەمۇنە دېمەكتۇر. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتا، بىز بۇ قېتىمقى ئالاھىدە تەقدىرلەش يىغىنىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەردىن ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي مەقسەتنى، خەلققە چىن مۇھەببەت باغلاشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلايدىغان، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىنى، قىيىنچىلىقلارغا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، قاتتىق جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان قەيسەر ئىستىلىنى، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىدىغان، قالتىس بولۇشنى قوغلىشىدىغان كەسىپنى قەدىرلەش روھىنى، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشقا ئاڭلىق ئىنتىلىشىنى ئۆگىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

بۇ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنىڭ كۈچلۈك ئىزاھلىنىشى، بۇ ئادىمىيلىك شانلىق نۇرى، ئەخلاق كۈچىنىڭ ئەڭ گۈزەل جۇلاسى، بۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئېجىل، قېرىنداشلاردەك يېقىن بولغان چوڭقۇر قان - قېرىنداشلىق مېھرى. بىز بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىنى كۈچنى بىرىكتۈرۈپ قۇتقۇزۇش - داۋالاش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ھېكايىسىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىمىز، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىمىز، ئۇرغۇپ تۇرغان غەيرىتىمىز بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.