تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ

□كۇچا شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس ئارزۇگۈل ئەبەي

پومپېئو، جېڭ گوئېن پاكىتنى نەزەرگە ئالماي، دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىپ ۋە قەستەن قارا چاپلاپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلدى، غەرىزى ئىنتايىن رەزىل. مەن بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن!

مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا چوڭ بولدۇم، شىنجاڭدا ياشاپ، خىزمەت قىلدىم، شىنجاڭنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكىگە، مېنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقۇم بار. قاتناش سىستېمىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەندە، مەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قاتناش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتىم. نامرات كەنتلەردىكى «يول يۈرۈش قىيىن بولۇش» ۋە نامرات ئاھالىلەر «ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە قاتناش ئىدارىسى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مەبلەغ سېلىپ ۋىلايەتتىكى 59 نامرات كەنتنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا زور دەرىجىدە قولايلىق ياراتتى؛ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى تىجارەت لىنىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نامرات كەنتلەرگە يولۇچىلار ئاپتوموبىلى قاتناش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدى؛ «تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى» «قۇرۇقلۇق - ھاۋا بىرلەشمە تىرانسپورتى» مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ئاۋات ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، باي ناھىيەسى، ئارال شەھىرىدىن ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان تۆت يولۇچى تىرانسپورت لىنىيەسىنى ئېچىپ، تاشيول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئارا يولۇچى تىرانسپورت شەكلىدە «نۆل ئالمىشىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقسۇنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، ئايرودۇرۇمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يولۇچى تىرانسپورت تۈگۈنى ئارىسىدا ئاممىۋى قاتناش مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا، جەمئىيەت مۇقىم بولدى، ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاق ئۆتتى، دىنلار ئىناق بولدى. پاكىت ئالدىدا، يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ. پومپېئو، جېڭ گوئېن مەيلى قانداق يالغانچىلىق قىلسۇن، قانداق ئالدامچىلىق قىلسۇن، ھەق - ناھەقنى قانداق ئاستىن - ئۈستۈن قىلسۇن، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى جەمئىيەت ئىناق، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.