تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ پاختىسىغا قارا چاپلاشقا قەتئىي قارشى تۇرىمەن

□مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ يېڭى ئۆستەڭ يېزىسى چىگىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم

مەن بۇ يىل 48 ياشقا كىردىم، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ يېڭى ئۆستەڭ يېزىسى چىگىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى. بىزنىڭ زاۋۇتتا ھازىر 48 ئىشچى - خىزمەتچى بار، ئۇلار خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىزمەت قىلغىلى كەلگەن، ھەممىسى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان، ھەربىر كىشىنىڭ يىللىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

يېقىندا، H&M قاتارلىق بىر قىسىم چەت ئەل كارخانىلىرى ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى باھانە قىلىپ، شىنجاڭ پاختىسىنى توستى، شىنجاڭ پاختىسىغا قارا چاپلىدى، بۇ خىل «بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ تامىقىنى يەپ، يەنە جۇڭگونىڭ قاچىسىنى چاقىدىغان» قىلمىشقا قارىتا مېنىڭ ناھايىتى ئاچچىقىم كەلدى. مەن بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن.

مېنىڭ بۇ چىگىت ئايرىش زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا 30 يىل بولدى، مەن شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولغۇچى. ئىلگىرى، شىنجاڭ پاختىسى ئاساسلىقى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ تېرىلاتتى، شۇ جايدىكى ئەمگەك كۈچلىرى يېتىشمىگەن ئەھۋالدا، ھەر يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، گەنسۇ، سىچۇەن قاتارلىق جايلاردىكى كىشىلەرمۇ شىنجاڭغا كېلىپ پاختا تېرىيتتى. 50 كۈنگە يېقىن پاختا يىغىش پەسلىدە، ھەربىر پاختا تەرگۈچى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپالايتتى. مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئۇلار شۇنچە كۆپ پۇل تاپالىغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولىدۇ، بۇنىڭغا يەنە «مەجبۇرلاش» كېتەمدۇ؟

بۈگۈنكى كۈندە، ماشىنىلىشىش دەرىجىسىنىڭ بارغانسېرى ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بىزنىڭ شىنجاڭ پاختىسى ئاساسەن ماشىنا ئارقىلىق يىغىۋېلىنىدۇ، بۇنىڭدا ئۈنۈم يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەننەرخمۇ تۆۋەن بولىدۇ، پاختىكارلارنىڭ كىرىمىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ.

ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»تىن ئىبارەت يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى قەستەن توقۇدى، بۇ، پۈتۈنلەي كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىگەنلىك. سىلەر ئۆز ئىشىڭلارنى ياخشى باشقۇرۇڭلار، بىزنىڭ شىنجاڭ پاختىسىغا قارا چاپلىماڭلار، بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىز توغرىسىدا كەلسە - كەلمەس بىلجىرلىماڭلار، سىلەرنىڭ سالاھىيىتىڭلار يوق ھەم ھوقۇقۇڭلارمۇ يوق!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.