تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مېنىڭ خىزمىتىم ناھايىتى كۆڭۈللۈك

□كۈيتۈن شەھەرلىك توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى ئادىلجان داۋۇت

ھازىرقى خىزمىتىم تىلغا ئېلىنسا، مەن خۇشال بولىمەن، بۇ خىزمەت قەدىر - قىممىتىمنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە ئارزۇيۇمنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى، ئائىلەمنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى. 2019 - يىلىنىڭ بېشىدا، توقۇمىچىلىق زاۋۇتى بىزنىڭ يۇرتىمىزغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا كەلدى، مەن كەنتىمىزدىكى ھەمراھلىرىم بىلەن بىللە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىشقا قاتناشتىم، يۈزتۇرا ئىمتىھان، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشتىن كېيىن بىز ئوڭۇشلۇق ئىشقا چۈشتۇق.

يېقىندا، H&M قاتارلىق بىر قىسىم چەت ئەل كارخانىلىرى شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دەپ بىلجىرلاپ، بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ پاختىسىنى توستى، بۇ، ئادەمنىڭ ئىنتايىن ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ! مەن بىر ئاز سانلىق مىللەت توقۇمىچىلىق ئىشچىسى، مەن ئەزەلدىن ھېچقانداق بىر يەردە قانداقتۇر «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم!

ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ خاتىرجەم، ئازادە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن، شىركىتىمىز ئىزچىل تىرىشىپ ئازادە خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ، زاۋۇت رايونى ناھايىتى ياخشى پىلانلانغان بولۇپ، باغچىغا ئوخشاش چىرايلىق. شىركىتىمىز سېخلىرىنىڭ ئاپتوماتلىشىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى، خىزمەتچىلەر خىزمەت قىلغاندا جىسمانىي كۈچكە ئەمەس، ماھارەتكە تايىنىدۇ، مائاش تەمىناتىمۇ ناھايىتى ياخشى، كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئېلىشتەك مائاش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. ھازىر مەن ئىككى يىپ ئېگىرىش ماشىنىسىدا پىششىق مەشغۇلات قىلالايمەن. ھەر ئايلىق مائاشىمدىن چىقىمىمنى چىقىرىۋەتكەندە، يەنە ئۆيگە 3000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل ئەۋەتەلەيمەن، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىمۇ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ. شىركىتىمىزنىڭ پاراۋانلىقىمۇ ناھايىتى ياخشى، ئاشخانا تۈرلۈك مەززىلىك تائاملارنى تەييارلاپ بېرىدۇ، يەنە تېخى بەك ئەرزان. خىزمەتچىلەر ياتاق بىناسىدا ئولتۇرىدۇ، ياتاقتا سۇ ئىسسىتقۇچ، كىرئالغۇ قاتارلىق ئەسلىھەلەر ناھايىتى تولۇق. زاۋۇت يەنە بەزى ئەر - خوتۇن خىزمەتداشلارنى مەخسۇس ئەر - خوتۇنلار ياتىقى بىلەن تەمىنلىدى. شىركەت رەھبەرلىرى خىزمەتچىلەرگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، بىز يولۇققان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بېرىپ، بىزنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ.

بىزنى ھېچكىم توقۇمىچىلىق زاۋۇتىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلىمىدى، تېخىمۇ مۇھىمى ھېچكىم بىزنى كەمسىتمىدى، بىز ئىشلەشكە مەجبۇرلانمىدۇق، بەلكى ئۆز ئالدىمىزغا توقۇمىچىلىق ئىشچىسى بولۇشنى تاللىدۇق ھەم ئىش ئورنىمىزدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجە يارىتىپ، ئۆز قىممىتىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمىز. بىزنى «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىندى» دېگەن ئاشۇ كىشىلەر يامان غەرەزدە قارا چاپلىدى، غەرىزى ئىنتايىن رەزىل، ئۇلار دەل بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا ھەقىقىي بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولۇۋاتقان قارا قوللار!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.