تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەڭشەش - ئورۇنلاشتۇرۇش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈش سىن يىغىنى ئېچىلدى

تەڭشەش - ئورۇنلاشتۇرۇش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن، پىراكتىكانت رومانئاي ئەركىن خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈش سىن يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈش ۋەزىيىتى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، بۇ يىللىق سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشى ۋە كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈش ئەھۋالى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى. لېكىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىلىمات ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، كەلكۈن مەزگىلىدە كەلكۈن، ھۆلچىلىك، قۇرغاقچىلىق بېسىمى تەڭ ئېغىرلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى مەزگىلدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تېز ئۆرلەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈش خىزمىتىدىكى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى تولۇق تونۇپ، تۈزىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى قەتئىي تۈگىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەلكۈن مەزگىلىدە سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ۋە سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈش ۋەزىيىتى، ۋەزىپىسىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇ يىللىق سۇ ئامبارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تەڭشەش - ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىگە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ ئامبارلىرى بىخەتەرلىكىنىڭ باشتىن - ئاخىر تىزگىنلىگىلى بولىدىغان ھالەتتە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئومۇميۈزلۈك قاپلاش تەلىپىگە ئاساسەن، تەۋەلىكىدىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ نۇقتىلىق توسما بۆلەكلىرى، نۇقتىلىق مۇداپىئە ئورۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق تەكشۈرۈشى كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتىكى ئاجىز ھالقىلار ھەم چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبارلىرىنى تەڭشەش - ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قۇرۇلۇشنى تەڭشەش - ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تەييارلىقى، كەلكۈن مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈرلۈك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش لايىھەلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، يامغۇر، سۇ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، تۈرلۈك لايىھەلەرنى ئىجرا قىلىش ۋە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى كۈچەيتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشى، ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، ئالدىن لايىھە تۈزۈشتىن ئىبارەت «تۆت ئالدىن بولۇش تەدبىرى»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ ئامبارلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشى كېرەك. خەتەرنى تۈگىتىش - پۇختىلاش ۋە يۈرۈشۈشنى باشقۇرۇش - ئاسراشنى چىڭ تۇتۇپ، سۇ ئامبارلىرىنى تەڭشەش - ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ھەرقايسى سۇ ئامبارلىرى، سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كەلكۈن چېكى سۇ ئورنىدىن ئىبارەت بۇ قىزىل سىزىقنى قەتئىي ياخشى ساقلاپ، كەلكۈن مەزگىلىدىكى يۈرۈشۈشتە ھەرگىزمۇ كەلكۈن چېكىدىن ئاشۇرۇپ سۇ ساقلىماسلىقى كېرەك. خەۋپ - خەتەر ساقلانغان سۇ ئامبارلىرى ياكى خەتىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن پۇختىلىنىۋاتقان سۇ ئامبارلىرىنى قۇرۇقداپ يۈرۈشتۈرۈشى، سۇ ئامبارلىرىنىڭ يۈرۈشتۈرۈش سۇ ئورنىنى خالىغانچە ئۆستۈرمەسلىكى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، مۇھىم، زور تىزگىنلەش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار، تۈرلۈك سۇ ئامبارلىرىدا قىزغىن كەيپىياتتا جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان قۇرۇلۇشلارنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن ئۆتۈش بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان سۇ ئامبارلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇشقا تەشكىللەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەلكۈندىن ئۆتۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان قۇرۇلۇشلارنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، مەسىلە بايقالغان ھامان ۋاقتىدا تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، جاۋ چىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.