تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈرلۈك نىزام چىقىرىش ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 126 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

تۈرلۈك نىزام چىقىرىش ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 126 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى. يىغىندا يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، 2021 - يىلى كېيىنكى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتايلىرى ياردەم پۇل خىراجىتىنى ئاجرىتىش ئىشلىرى قاتارلىقلار تەتقىق قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشتا تېخىمۇ ياخشى قوللىنىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، پارتىيەنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2021 - يىللىق نىزام چىقىرىش خىزمىتى پىلانىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش تۈرلىرىنى تېزدىن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مۇۋاپىق تېزلىتىشتىن ئىبارەت پىرىنسىپنى ئىگىلەپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. نىزام چىقىرىش خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى توغرا ئىگىلەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان مۇھىم، زور نىزام چىقىرىش ۋەزىپىسىنى ياخشى تاماملاپ، «كىچىك، تېز، جانلىق» «كىچىك دائىرىلىك» قاتارلىق ئۈنۈملۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، تۈرلۈك نىزام چىقىرىش ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە، 2021 - يىلى كېيىنكى يېرىم يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ياردەم پۇل خىراجىتىنىڭ ئاجرىتىلىشى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مۇۋاپىق مايىللاشتۇرۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەلگىلىك خىراجەت ئاجرىتىلىپ ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ بىردىن ئىككىگىچە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ «ئائىلە، ئىشخانا، پونكىت» ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىشىغا مەدەت بېرىلىپ، ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى كۈچەيتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.