تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇلازىمەت دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فۇ شياڭلۇڭ

5 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگە قەدەر، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن بۇ يىل 305 قېتىم جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى «يۈك يىغىش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش» ئومۇمىي تەرەققىيات پىكىر يولىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا كۈچ قوشتى.

يۈك يىغىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شاۋخۇا مۇنداق قارىدى: ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم يۈك توشۇش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ تۈگۈن ۋە تۈگۈن نۇقتىسىنى زورايتىش، كۈچەيتىشتە، يۈك يىغىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ تارقاق بۇيۇملىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، توشۇش، يەتكۈزۈپ بېرىشكە قولايلىق يارىتىپ، ئۇنى ھەممە تەرەپكە تۇتاشتۇرۇش زۆرۈر.

شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى خېرىدارلارنىڭ خاسلاشقان ئەشيا ئوبوروت ئېھتىياجىغا قارىتا، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى خېرىدارلار ئۈچۈن پۈتۈن مۇساپىلىك ئەشيا ئوبوروتى لايىھەسى تۈزۈپ، ئىچكىرى رايونلارنىڭ ئېكسپورت ماددىي ئەشيالىرىنى جەلپ قىلىپ «پارچىنى پۈتۈنلەش» بويىچە ئۈرۈمچىدە قايتا يىغدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قايتىش مۇساپىسىدە يۈك مەنبەسى تارقاق بولۇش، كۆپ نۇقتىغا تارقىلىشتەك ئالاھىدىلىككە قارىتا، يۈك يىغىش سۇپىسى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، رايون ھالقىغان مەركەزلىك بىرتۇتاش تەقسىملەشنى يولغا قويۇپ، قايتىش مۇساپىسىدىكى قۇرۇق ۋاگونلاردىن پايدىلىنىپ يۈك مەنبەسىنى توپلىدى، بۇ يىغىلىش مەركىزىگە بارغاندىن كېيىن، يەنە ئىچكىرى رايونلارغا تەقسىملەپ بېرىپ، تىرانسپورت كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

2019 - يىلى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، «جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەنۇبىي شىنجاڭ يىغىش - تارقىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى»نىڭ ئىمزالىنىشى ھەم جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەنۇبىي شىنجاڭ يىغىش - تارقىتىش مەركىزىنىڭ كورلا شەھىرىدە ۋىۋىسكا ئېسىشى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا خەلقئارا كونتېينېرلىق نۆۋەتچى پويىزى تىرانسپورتىنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسىنى ياراتتى. شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ياڭاق ۋە ياڭاق مېغىزى بېسىلغان يۈك پويىزى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن چىقىپ، ياۋروپاغا قاراپ ماڭدى. بۇ ياڭاقلارنىڭ ھەممىسى خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن كەلتۈرۈلگەن.

شىنجاڭ خۇاتيې شىنچياۋ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چەكلىك شىركىتى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ زورايغان نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، شىركەت ۋاكالىتەن توشۇۋاتقان ماللار كىيىم - كېچەك، توقۇلما بۇيۇملار، تۈرلۈك ماللار، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئاساسلىق مەنزىلگاھى ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ئىدى. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش لىنىيەسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شىركەتنىڭ كەسىپ بازىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، توشۇلىدىغان ماللارنىڭ تۈرى كۆپەيدى، سىرتقا توشۇشتىكى مەنزىلگاھلار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى 13 دۆلەتكە كېڭەيدى.

شىنجاڭ شىنتيې خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى 200گە يېقىن ئىمپورت - ئېكسپورت كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى، يۈك مەنبەسى تەشكىللەش دائىرىسى گۇاڭجوۋ، جېجياڭ، سىچۇەن، شەندۇڭ، بېيجىڭ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ قاتارلىق ئون نەچچە ئۆلكە، شەھەرگە كېڭەيدى.

«كىم تېخىمۇ كۆپ يۈك مەنبەسىگە ئىگە بولسا، شۇ بازارلاشتۇرۇش رىقابىتىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىشى مۇمكىن.» ليۇ شاۋخۇا مۇنداق قارىدى: جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، يەككە يول ئىقتىسادىدىن ئۇنىۋېرسال كەسىپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇزارتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتكە قاراپ كېڭىيىش كېرەك.

باغچە رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلدى

2021 - يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرى سەككىز چوڭ تەۋەلىك رايوننى چۆرىدەپ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرى بەينياۋخۇ كۆلى پورت ئەتراپى سانائەت كەسىپلەر باغچىسى، ئۈرۈمچى تۆمۈريول پورتى تېز يوللانما مەركىزى − خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئامباردا ساقلاش رايونى، دۆلەت ئىچى تېز يوللانما رايونى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا رايونى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنىڭ كۆپ خىل شەكىلدە بىرلىشىپ توشۇش يۈك يىغىش رايونى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ليۇ شاۋخۇا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ فۇنكسىيەلىك سۇپىلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا، مەۋقەنى قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ ئۆز تەرەققىيات ئورنىنى بەلگىلەشكە قويۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى چۆرىدەپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئىلغار ياسىمىچىلىق قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۈچەپ ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنى ئېچىۋېتىش تىپىدىكى زامانىۋى كەسىپلەر توپلانغان ئېگىزلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

2015 - يىلى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىغا تايىنىپ، باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت شۆبە شىركىتىنى قۇردى، 2021 - يىلى 2 - ئايغىچە 200دىن ئارتۇق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى. بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ بىڭ مۇنداق دېدى: «ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا يۈك تەشكىللەپ يىغىش + مەخسۇس پويىز تاموژنىدا يۆتكەپ توشۇش» ئەندىزىسى شۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان پولات ماتېرىياللار ئېكسپورتىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپلا قالماي، كارخانا يەنە ئامبار، تۆمۈريول، ۋوگزال ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى بازارنى يۇقىرى ئۈنۈمدە كېڭەيتەلەيدۇ.

2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگونىڭ تۇنجى تاموژنىدا يۆتكەپ بىۋاسىتە توشۇش + TIR ماللىرى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدىن چىقىرىلغانلىقى تاموژنىغا مەلۇم قىلىندى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ TIR خەلقئارا تاشيول تىرانسپورتىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىغا قارىتا، ھاۋا تىرانسپورتى، دېڭىز تىرانسپورتى ۋە تۆمۈريول تىرانسپورتىدىن باشقا 4 - خىل جانلىق، تېز تىرانسپورت شەكلىنى كېڭەيتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يۈك توشۇغۇچى تەرەپ ئېربۇلۇس تىرانسپورت (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى دىلشات مەمەت مۇنداق دېدى: بۇ تۈركۈمدىكى ماللار شېنجېندىن ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىغا توشۇپ كېلىندى، بۇيۇملار 37 مىڭدىن كۆپرەك ئېلېكتىرونلۇق سودا ماللىرى. بۇ ماللار ئۈرۈمچى تاموژنىسىدا تاموژنىغا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدىن يولغا چىقىپ، بىۋاسىتە قورغاس پورتىغا يۆتكىلىپ، TIR يۈك تىرانسپورت ئەندىزىسىدە تاموژنىغا مەلۇم قىلىنىپ، قازاقىستان، رۇسىيە، بېلارۇسىيە، پولشا، گېرمانىيەدىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا بېلگىيەگە يېتىپ بارىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇنىڭغا ئون كۈن كېتىدۇ، تەننەرخى ھاۋا تىرانسپورتىدىن %50 ئەتراپىدا تۆۋەن بولىدۇ.

كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشى تېزلىتىلدى

كەسىپ تەرەققىياتى رايون تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق تىرىكى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سالمىقىنى زورايتىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك مۇھىم ئامىللارنىڭ تېز سۈرئەتتە توپلىنىش، ئۈستىگە ئېلىش، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى كۈنسېرى نامايان بولدى، شۇنداقلا كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىنى يەنىمۇ تېزلەتتى.

2017 - يىلى، بەيشى ئەشيا ئوبوروت شىركىتى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىغا ماكانلاشتى ھەم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئايرىش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەركىزىنى قۇردى، بۇ يەنە ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدا ماكانلاشقان تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ. خېرىدارلارغا يەنىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەركىزىدە، تاموژنا بىلەن چېگرادىن كىرىپ - چىقىشنى تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش ئاپپاراتى نەق مەيدانغا كىرىپ ئىش بېجىرىپ، 24 سائەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جوۋ كەي مۇنداق تونۇشتۇردى: ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسى بۇ يەردە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى ئۈرۈمچىدىن غەربكە قارىتىلغان قۇرۇقلۇق - ھاۋا تىرانسىپورت بايلىقى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ۋە تىرانسپورت تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالالايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ، ئۈرۈمچى، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭدىكى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئورتاق كۈچ قوشىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 2020 - يىلى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا (9610) كارخانىلىرى 2 مىليوندىن ئارتۇق تاۋار ئېكسپورت قىلغان، بۇ، 2019 - يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي مىقدارنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئارتۇقراقىغا باراۋەر، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ قۇرۇقلۇق پورت رايونى تاشقى سودا كەسپىي ئومۇمىي گەۋدىسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى سىجىل ئۆسكەن.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدىكى كەسىپلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ئېففېكتى تەدرىجىي قويۇپ بېرىلدى، قۇرۇقلۇق پورت رايونى دائىرىسىدە 2000دىن ئارتۇق كارخانا بار، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىدىن خۇبېي، شەندۇڭ، خېنەن، جېجياڭ قاتارلىق رايونلارنىڭ يېمەكلىك پىششىقلاش، پاختا توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى، ماشىنىسازلىق ياسىمىچىلىقى، ئۆي جاھازلىرى ئىشلەپچىقىرىش، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، پىششىقلاش - ياساش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق 150 نەچچە كارخانىنى كىرگۈزدى، قۇرۇقلۇق پورت رايونىنى يادرو قىلغان قاتناش، سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ رولى تەدرىجىي قويۇپ بېرىلىپ، سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى كەسىپلەرنىڭ توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.