تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ سۈپەتلىك ماركا ئۆمىكى تەشكىللەپ جۇڭگو سۈپەتلىك ماركا كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 2021 - يىللىق جۇڭگو سۈپەتلىك ماركا كۈنى پائالىيىتى شاڭخەيدە باشلاندى. شىنجاڭ 30 سۈپەتلىك ماركىنى كارخانىلارغا ۋاكالىتەن كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، دۇنياغا شىنجاڭنىڭ سۈپەتلىك ماركىلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان «ئون چوڭ كەسىپ» ساھەسىدىكى ئون مۇستەقىل تونۇلغان سۈپەتلىك ماركا تور سىرتىدىكى كۆرگەزمە قىلىشقا قاتناشتى.

شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيى «شىنجاڭنى سۈپەتلىك ماركا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش»نى باش تېما قىلىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان نېفىت، نېفىت - خىمىيە، كۆمۈر، كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، باغ - ئورمان، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ئون چوڭ كەسىپنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭ لەنشەن تۈنخې خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ۋاڭيۈەن بىيو پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، ئىلى زىسۇ لىرېن بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خېخې ئۈنچە - مەرۋايىت، قاشتېشى بۇيۇملىرى پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق سۈپەتلىك ماركا كارخانىلىرىنى تاللاپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە - ئۈنۈمىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.

شىنجاڭ شىجى جېڭتۇڭ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لىن دۇڭدۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيىنىڭ كۆلىمى 151 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئومۇمىي لايىھە ئىدىيەسى شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى تاماشىبىنلار كىرىش ئېغىزىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئوخشاش بولمىغان كۆرۈش نۇقتىسى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئابۇنىچىلار «شىنجاڭ ياخشى جاي» مەنزىرىسى ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ. كۆرگەزمە سارىيىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مېۋىلىرى، نان، ئۈزۈم ھارىقى، ئۈستىقۇددۇس قاتارلىق ئون چوڭ كەسىپنىڭ ۋەكىللىك مەھسۇلاتلىرى قويۇلغان بولۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇش، ھېس قىلىش، بەھرىمەن بولۇش ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى توپلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى چاڭشيۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۈپەتلىك ماركا ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى، كارخانا ھەتتا دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭگو سۈپەتلىك ماركا كۈنى پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ سۈپەتلىك ماركىلىرىنى مەملىكەتكە تونۇتىدۇ، دۇنياغا يۈزلەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى