تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىز ناھايىتى بەختلىك ياشاۋاتىمىز

​□ئاراتۈرۈك ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شاكىرخان قالى

پومپېئو، جېڭ گوئېن ئېلان قىلغان شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەر پۈتۈنلەي تۇتۇرۇقسىز گەپ بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق. بۇنى مەن قاتتىق ئەيىبلەيمەن ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمەن!

مەن يېزىدا ئاددىي بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. مەن كىچىكىمدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق خۇشال - خۇرام ھالدا ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگەن، كىچىكىمدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان، بۇ يەردە بىز ناھايىتى بەختلىك ياشاۋاتىمىز. مېنىڭ ھەر مىللەتتىن بولغان ساۋاقداشلىرىم، خىزمەتداشلىرىم، قوشنىلىرىم ۋە دوستلىرىم بار، بىز ئورتاق ئۆگىنىپ، ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلدۇق. مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشلىرىمدە ھېس قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى ئازادە، ئادىل جەمئىيەت كەيپىياتى بولدى، مەيلى قايسى مىللەت بولسۇن، ھەممە ئادەم باراۋەر پۇرسەتتىن بەھرىمەن بولدى.

ھازىر، ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادى ساغلام تەرەققىي قىلماقتا، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولماقتا، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئالغا باسماقتا، مۇقىملىق پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلمەكتە، ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە. ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ھەر يىلى مائارىپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، مەدەنىيەت، ساياھەت، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. ھازىر، پۈتۈن ناھىيەدىكى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى كۈنسېرى تاكامۇللاشتى، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە پائال قاتناشتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قوغدالدى ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلدى.

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ! مەيلى پومپېئو، جېڭ گوئېن قانداق يالغانچىلىق قىلسۇن، ھەق - ناھەقنى قانداق ئاستىن - ئۈستىن قىلسۇن، شىنجاڭنىڭ مۇقىم، تەرەققىي قىلغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە كاشىلا قىلالمايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.