شىخو شەھىرى شىنخې توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
پاكىت، ھەقىقىي ئەھۋال ئارقىلىق يالغان - ياۋىداق سۆزلەرگە رەددىيە بېرىمىز
يېقىندا، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ۋە چەت ئەل كارخانىلىرى بىر ئېقىندا بۇلغىنىپ، شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېگەننى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭ پاختىسى ۋە پاختا توقۇلما بۇيۇملىرىنى توسۇپ، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا خالىغانچە قارا چاپلىدى، شىركىتىمىزدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ!
شىركىتىمىز 2015 - يىلى شىخو شەھىرىگە ماكانلاشقان بولۇپ، ھازىر ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىدىن 50 نەچچىسى بار. ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىزمەتكە چۈشكەن ھەم قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان. شىركەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە «بەش خىل سۇغۇرتا» تاپشۇرۇپ بەردى، ھەقسىز ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلىدى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى يەنە پاراۋانلىق تارقاتتى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كارخانىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى.
شىركەتتىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىچىدە، ئىشلىگىنىگە ئەڭ ئۇزاق بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن ئاشتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىلگىرى ئائىلە ئاياللىرى، يەنە بەزىلىرى ئىش كۈتۈپ تۇرغانلار ئىدى، ھازىر ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، بارا - بارا تېخنىكىغا پىششىق كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندى، كىرىمىمۇ يېڭى كەلگەن ۋاقىتتىكى 2000 نەچچە يۈز يۈەندىن ئۆسۈپ، 5000 - 4000 يۈەنگە يەتتى. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، كۆپچىلىك يەنە ئۇچرىشىپ سودا سارايلارنى، باغچىلارنى ئايلىنىپ، كەلگۈسى تۇرمۇشىنى پىلانلاپ، ئۆزلىرىنىڭ پىلانلىرى ھەققىدە سۆزلىشىدۇ. ئۇلار ئىككى قولىغا تايىنىپ ئەمگەك قىلىپ، مۇقىم كىرىمگە ئېرىشتى، تۇرمۇش سۈپىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆستى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۈنسېرى ئاشتى، خىزمەتتە تېخىمۇ غەيرەتكە كەلدى. شىركىتىمىزنىڭ شۇنچە كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق.
بۇنىڭدىن كېيىن، شىركىتىمىز ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ياخشى خىزمەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۈرلۈك قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، پاكىت، ھەقىقىي ئەھۋال ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىدۇ!