تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈزۈلگەن بىلىكى قايتا ئۇلانغان ئوغۇل بالا ئوپېراتسىيەدىن كېيىن تۇنجى قېتىم يەرگە چۈشۈپ ماڭدى

خەتەرلىك مەزگىلدىن ئۆتۈپ كەتتى

ئۈزۈلگەن بىلىكى قايتا ئۇلانغان ئوغۇل بالا ئوپېراتسىيەدىن كېيىن تۇنجى قېتىم يەرگە چۈشۈپ ماڭدى

سىكاننېرلاپ مەخسۇس تېمىلىق ماقالىلەرنى كۆرۈڭ

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۇ لۇپىڭ، جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: بىر قەدەم، ئىككى قەدەم، ئۈچ قەدەم... تاپىنىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، سىناق تەرىقىسىدە بىرنەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن، شياۋ مەي (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئاپىسىنىڭ قولىنى قويۇۋېتىپ، خۇشاللىقىدىن كىچىك قەدەملىرى بىلەن يۈگۈرۈپ كەتتى. باش يازنىڭ قۇياش نۇرى دېرىزىدىن شياۋ مەينىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقان بەدىنىگە چۈشۈپ تۇراتتى، كارىدوردا دوختۇر - سېسترالارنىڭ چاۋاك ۋە ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسىدا ئۈزۈلگەن بىلەكنى قايتا ئۇلاش ئوپېراتسىيەسى قىلىنىپ 8 - كۈنى، كۈتۈلمىگەن ھادىسە سەۋەبىدىن بىلىكى ئۈزۈلگەن يەتتە ياشلىق خوتەنلىك ئوغۇل بالا شياۋ مەي دوختۇر - سېسترالارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى ۋە ئاسرىشى بىلەن خەتەرلىك مەزگىلدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، تۇنجى قېتىم يەرگە چۈشۈپ ماڭدى.

بالىسىنىڭ كارىۋاتتىن چۈشۈپ توختىماي يۈگۈرۈشىگە قاراپ، ئاپىسى سۇدىممە ئىمىنتوختى چوڭقۇر ئۇھ تارتتى، چىرايىدا خېلى كۈنلەردىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. شۇ كۈنى ئانىلار بايرىمى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بالامنىڭ تىنچ - ئامانلىقى مەن تاپشۇرۇۋالغان ئەڭ قىممەتلىك بايراملىق سوۋغات. رەھمەت، كۆپچىلىككە رەھمەت!»

«بالىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن تۇنجى قەدەمنى باسقانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھاياجانلاندىم، بەك خۇشال بولدۇم!» شياۋ مەينىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مەسئۇل دوختۇر لى لىنىڭ كۆزلىرىدە مۇلايىملىق ھەم ئىللىقلىق ئەكس ئەتتى، ئۇنىڭ ھاردۇقى چىققانىدى. 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەردە ئۈزۈلگەن بىلەكنى قايتا ئۇلاش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغاندىن ھازىرغىچە، لى لىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوختۇرخانىدىكى كۆپ پەن مۇتەخەسسىسلىرى دىياگنوز قويۇش، داۋالاش كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى داۋالاش، قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىزچىل جەڭ قىلىپ، شياۋ مەينىڭ يۈرەك، ئۆپكە، ئاشقازان، ئۈچەي قاتارلىقلارنىڭ ئىقتىدارلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، تۆۋەن ئاقسىللىق قان كېسىلى ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ۋە تۆۋەنكى مۈچە چوڭقۇر ۋېنالىرىدا قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى. لى لى مۇنداق بىلدۈردى: جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي مېھىر - شەپقەت يەتكۈزگەچكە، بالىنىڭ ئوڭ بىلىكى ساقلاپ قېلىندى، بۈگۈنكى ساق - سالامەت شياۋ مەي بار بولدى.

لى لى مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، شياۋ مەينىڭ قايتا ئۇلانغان ئوڭ بىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولۇپ، تۈرلۈك ياللۇغ خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچلەر نورمال ئەسلىگە كەلدى. زەخىملىنىپ سوقۇلۇشتىن كېلىپ چىققان ئالاھىدە زەخىملىنىش خاراكتېرلىك ھۆل ئۆپكە ئالامىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، سۈرەت تەسۋىرىدىن قارىغاندا، ئۆپكە سىرغىما سۇيۇقلۇقى روشەن سۈمۈرۈلۈپ، كاۋاكلار كىچىكلىدى.

«ئەمدى، بىز مۇھىم نۇقتىنى بالىنىڭ بىلەك ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە پىسخىك يارىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە قارىتىمىز.» شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لياۋ جۈن مۇنداق دېدى: بىلەكنى ساقلاپ قېلىش پەقەت بىرىنچى قەدەم، بىلەك ئىقتىدارىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كېيىنكى مەزگىلدە يەنە ئىقتىدارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شياۋ مەينىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى بىرىنچى ئايدا قايتا ئۇلانغان ئوڭ بىلەكنى سىرتتىن مۇقىملاشتۇرۇپ، يېقىن ئۇچتىكى ساغلام بوغۇملارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئەتراپتىكى توقۇلمىلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولۇشى، قايتا ئۇلانغان ئوڭ بىلەكنىڭ تۇتىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز؛ ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئايدا قولنى تىزگىنلەشنى بىكار قىلىپ، سۇلۇق ئىششىقنى كونترول قىلىپ، بوغۇملارنىڭ قېتىشىۋېلىش ۋە مۇسكۇل پەيلىرىنىڭ چاپلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز؛ ئۈچىنچى ئېيىدا ئاساسىي جەھەتتىن ساقايغان سۆڭەك سۇنغان ئورۇندىكى سىرتتىن مۇقىملاشتۇرۇلغان تىرەكنى ئېلىۋېتىپ، تارتۇقنى يۇمشىتىپ، چاپلىشىشنى ئازايتىپ، ھەرىكەت ۋە سېزىم مەشىقىنى كۈچەيتىمىز.

«دوختۇرلارنىڭ مېھرىبان قەلبىگە ۋە تېخنىكىسىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ۋەتەننىڭ چەكسىز مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن،» شۇ كۈنى، سۇدىممە قولىغا لەۋھە ئېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن بارلىق دوختۇر - سېسترالارغا ئەڭ سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىنىڭ بالىسىغا قىلغان غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. «بۇ بىرنەچچە كۈندە بىز يەنە نۇرغۇن ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى قالدۇرماي قىلغان نۇرغۇن ئىئانىسىنى تاپشۇرۇۋالدۇق، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر بەك كۆپ ئىكەن، بىز پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ قالمايمىز!» دېدى سۇدىممە ھاياجانلانغان ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.