تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۇلنى پۇختىلاشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك

​−2020- يىللىق پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتىن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

«بۇ يەردە ئولتۇرغان ھەممىڭلار ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى، كۆپچىلىك قەلبىڭلارنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۆزۈڭلاردىن شۇنى سوراپ بېقىشىڭلار كېرەك، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي ئەھمىيەت بېرىلدىمۇ - يوق، ئېغىزدا مۇھىم دېيىش، ئىشلىگەندە ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىرىغاندا تاشلاپ قويۇش مەسىلىسى بارمۇ - يوق، تۇتۇشنى خالىماسلىق، تۇتۇشقا ماھىر بولماسلىق، تۇتۇشنى بىلمەسلىك مەسىلىلىرى بارمۇ - يوق؟ ھەقىقىي تۈردە سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى تۇتۇلدىمۇ - يوق، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تېگىشلىك ئورۇنغا قويۇلدىمۇ - يوق؟ خىزمەتتە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق ھادىسىسى بارمۇ - يوق، مەسئۇلىيەتنى يەتكۈزۈش، بېسىمنى يەتكۈزۈش دەل جايىدا بولماسلىق، ئاخىرغىچە بولماسلىق مەسىلىسى بارمۇ - يوق؟»

«مەن ئۆزۈمدىن باشلاپ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يەنە كوچا باشقارمىسى، يېزا - بازار، مەھەللە، يېزا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىسىغىچە، ھەممىمىز ئۆزىمىز بىۋاسىتە قول سېلىپ ئىشلىشىمىز، پۇختا تەييارلىق قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ھەقىقىي تۇتۇشىمىز، ئەمەلىي تۇتۇشىمىز كېرەك. بىرىنچىدىن، <ئەڭ ياخشى ماھارەت>نى ئىشقا سېلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش ئىقتىدارىمىز، قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تۇتۇشتا تەدبىرلىك بولۇش، تۇتۇش كۈچلۈك بولۇش، تۇتۇش ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، <ئەڭ ياخشى ۋاقىت>نى سەرپ قىلىپ، يېتەرلىك ۋاقىت، زېھنىي كۈچىمىزنى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە ئاجرىتىپ، تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تەتقىق قىلىپ، تۈرتكە بولۇشقا تېگىشلىكلىرىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ھەل قىلىپ، كۈچىمىزنى ھەقىقىي تۈردە يېتەرلىك سەرپ قىلىشىمىز كېرەك».

بۇ، 2020 - يىللىق پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇشتىن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش يىغىنىدىكى قىسمەن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ باھالاش سۆزى. 2014 - يىلىدىن باشلاپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئۇدا يەتتە يىل پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا) شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇشتىن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بېسىم يەتكۈزۈپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۇلنى پۇختىلاشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

2020 - يىلى، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىش، ئاتاكىدا سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولدى.

− يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى. خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلىندى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ئەمەلىيەت شەكلى قىلىندى. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا)شۇجىلىرى ئۆزى تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ياكى پارتىيە گۇرۇپپا يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ خىزمەتتىن بەرگەن دوكلاتنى ئاڭلاپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ئۈلگە بولدى، تۈرتكە بولدى. كۆپلىگەن شۇجى مۇنداق دېدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيەت، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت، ئۇ ئادەتتىكى خىزمەت مەسئۇلىيىتى، كەسپىي مەسئۇلىيەت ئەمەس، بەلكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەت، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا بولمايدۇ.

− چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، چوڭ ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش - تەشكىللەش ئەھۋالى خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈشنىڭ «قاتتىق كۆرسەتكۈچ»ى قىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش نەتىجىسى ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى سىنالدى. كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق ئىنكاس قىلدى: چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋارلىقى گەۋدىلەندى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئىشەنچى سىنالدى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى مەركىزىي ۋەزىپە بىلەن بىرلەشتۈرۈش قانچىكى چىڭ بولسا، يۇغۇرۇش قانچىكى ياخشى بولسا، نەتىجە - ئۈنۈم شۇنچە كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، تۇتۇشمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.

− مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى. خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدىغان شۇجى ھەقىقىي تۈردە ئۆزىگە تەتبىقلاپ، بىرىنچى شەخس تىلى ئارقىلىق «مەن»نى بايان قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەمچىلىكىنى كۆرسىتىپ، ئەيىبىنى ئاشكارىلاپ، ھەمىشە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، مەسئۇلىيەت ئەمەلىيەتتىن يىراقلىشىش، سۇسلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالدى، بەزىلىرى پەقەت «نۇقسان»نىلا سۆزلەپ، «ئارتۇقچىلىق»نى تىلغا ئالمىدى. بەزى جايلار ۋە ئورۇنلار كۆزىتىش - تەكشۈرۈش، ئەرزىيەت ئىنكاسى، مەخسۇس نازارەت قىلىش، ئىختىيارىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىقلاردا بايقالغان مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق رەتلەپ، مەسىلە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى، تۈزىتىش تىزىملىكى تۈزۈپ چىقتى. خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى كەسكىن، ئەستايىدىل باھا بەردى، بەزىلىرى نەتىجىنى سۆزلىمەي، پەقەت مەسىلىنى كۆرسەتتى، ئادەمنى كۆردى، ئىشنى بىلدى، ئاغرىش نۇقتىسىغا بىۋاسىتە يۈزلەندى، ئاچچىقنى تولۇق ھېس قىلدى. كۆپلىگەن يولداش: ئۇدا نەچچە يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈشنىڭ سۈپىتى كۆپ ھاللاردا شۇجىلارنىڭ باھاسىنىڭ سۈپىتىگە باغلىق بولىدۇ، دەپ ئىنكاس قىلدى.

− قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى. نۆۋەتتە، خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈشتە شەھەر، ناھىيە، يېزا ۋە ئورگان، دۆلەت كارخانىلىرى، ئالىي مەكتەپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى ھەرقايسى تارماق، ئورگان پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئىچكى جەھەتتە تەسىس قىلىنغان ئاپپارات ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. يىغىندىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، خىزمەت دوكلاتى بېرىشنى باھالاش، قاتتىق تەكشۈرۈش، نەتىجىنى تەتبىقلاش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، يىل بېشىدا ئورۇنلاشتۇرۇش - ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، يىل ئوتتۇرىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، يىل ئاخىرىدا خىزمەت دوكلاتى بېرىشنى باھالاش - تەكشۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، خىزمەت يېپىق ھالقىسىنى شەكىللەندۈردى.

− سەرخىللاشتۇرۇش، ياخشىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى. نۇرغۇن جايلار ۋە ئورۇنلار ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، بەزىلىرى نەق مەيداندا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ھۆججەتلىك فىلىمىنى قويۇپ، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىشتا بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەينەن ئاشكارىلىدى. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاش زىيادە كۆپ بولۇش، قايتا - قايتا بولۇش مەسىلىسىنى تۈزىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى سىجىل سەرخىللاشتۇرۇپ، ياخشىلاپ، تۆۋەنگە قانچە چۈشكەنسېرى تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى شۇنچە ئاددىيلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەشكە بولمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يىغىن ئېچىش، ھۆججەت تارقىتىش، خاتىرە قالدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق خىزمەتنى ياخشى قىلغان - قىلمىغانلىقىغا باھا بەرمەي، كۆپ تەرەپتىن تەكشۈرۈپ باھالاش، خاتىرە قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ نەتىجىگە سەل قاراش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شەكىلۋازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈشنى «يۆنىلىش بەلگىسى» قىلىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق مەزمۇنغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە مەجبۇرلاپ، خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەن شۇجىلارنىڭ «ئەمەلىي» ھېساباتنى ئېدىتلاپ تاپشۇرۇشىغا، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتىكى قاتتىق تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىر، پەرق، يېتەرسىزلىك ۋە تەسىراتلىرىنى سۆزلىشىگە، «بىرىنچى مەسئۇلىيىتى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشتىكى يىللىق «جاۋاب قەغىزى»نى تاپشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

− پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىگە، ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇندى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈشتىكى «جەزمەن جاۋاب بېرىدىغان سوئال» قىلىنىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرى مۇستەھكەملىنىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش سىجىل كۈچەيتىلدى. جېجياڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش دەرسخانىسى، «ئون مىڭ مەيدان پارتىيە دەرسىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. فۇجيەن «ئىز ئىزدەش، جاۋاب خەتنى چۈشىنىش» ئۆگىنىش، زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «شى جىنپىڭ فۇجيەندە» قاتارلىق جانلىق ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيەنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى. بېيجىڭ، خۇبېي، شەنشى، سەنشى، نىڭشيا، جىلىن، ئەنخۇي، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، ئاساسىي كۈچ بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. شاڭخەي «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈش جەريانىدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىگە بولغان چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى. خۇنەن «يېرىم يوتقان» «كەسكىن ئىرادە» قاتارلىقلار مۇجەسسەملەنگەن ئالىيجاناب روھنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنى پارتىيە تارىخىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان مەنىۋى كۈچ ئېلىشقا يېتەكلىدى. خېيلۇڭجياڭ «پارتىيە دەرسى سۆزلەش باشلاندى» پائالىيىتىنى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلدى، 58 مىڭ قېتىم پارتىيە دەرسى سۆزلەندى، قاتناشقان پارتىيە ئەزاسى 2 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. خېنەن پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق دەرس قىلىپ، «ئون مىڭ ياچېيكا شۇجىسىنى كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەش» «مىليون پارتىيە ئەزاسى پارتىيە مەكتىپىگە كىرىش»نى قانات يايدۇردى. سەنشى «سەنشى ئاۋانگارتلىرى» «ياخشى كادىرلار توردا» سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇشى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى.

− سىياسىي ئىقتىدار گەۋدىلىك كۈچەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «ئىككىنى قوغداش» سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇندى. سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، «ئىككىنى قوغداش» خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. گۇاڭدۇڭ «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش تۈزۈم - مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، «كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش» خىزمەت مېخانىزمىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى. گۇيجوۋ «تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاش − مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» تەربىيەسىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا «قايتا قاراپ چىقىش»نى قەرەللىك قانات يايدۇردى. تيەنجىن پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا يېقىنلىشىپ، كۆكتات بازىرى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. شىزاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى ۋەدە بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئىككى يۈزلىمىچىلەر، «ياخشىچاق ئادەم»، «ھاماقەت ئادەم»لەرنى قەتئىي يوقاتتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى سىياسىي ئورگان ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىشى، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، ئاممىنى تەشكىللەش كۈچى، جەمئىيەتكە قارىتا چاقىرىق قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.

− چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا تەشكىلىي ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇندى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىشقا تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش ئەھۋالى چوقۇم بايان قىلىنىدىغان، ئىمتىھان بېرىلىدىغان مەزمۇن قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، پارتىيە بايرىقى مۇھىم، زور كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەۋلان قىلدۇرۇلدى. خۇبېي پۈتۈن ئۆلكىدىكى 180 مىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، فاڭساڭ دوختۇرخانىسى قاتارلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە 19 مىڭدىن ئارتۇق ۋاقىتلىق پارتىيە تەشكىلاتى قۇردى، 3 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسى، كادىر ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتتى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خۇبېيدا تۇرۇپ قالغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يېقىن ئەتراپتا، قولاي ۋاقىتتا مەھەللە، بازار، كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى. مەركەز كارخانىلىرى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلدى. خېبېي «پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى سالاھىيىتىنى نامايان قىلىش، بىرىنچى سەپكە بېرىش، ئاۋانگارت بولۇشقا تەشكىللىدى. سىچۇەن ئۇنىۋېرسال ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمەت ئەترىتىنى لياڭشەنگە بېرىپ مەركەزلىك ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا تەشكىللەپ، ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى قەرەلىدە ئېلىۋېتىشىگە تۈرتكە بولدى. گۇيجوۋ، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق جايلار 1 - شۇجى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنى سىجىل تاللاپ ئەۋەتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى. جياڭشى، خۇبېي، خۇنەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلار پارتىيە ئەزالىرى مەسئۇلىيەت توسمىسى، پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى قۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردى. بېيجىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە «پۇشتەك چېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش» «ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش» ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتتى. خەينەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مەركەزنى تېخىمۇ ياخشى چۆرىدىشى، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش داۋامىدىكى رەھبەرلىك رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىندى.

− كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، ئاساسنى مۇستەھكەملەش، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشى، ئومۇمىي جەھەتتىن دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇندى. خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش داۋامىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى ئالدىنقى يىلى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ئەنخۇي پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىناۋەتلىك كەنت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكنى يۆلىدى، زورايتتى. شەنشى «مىڭ كەنتنى ئۈلگە قىلىپ تىكلەش، ئون مىڭ كەنتنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش» ئۈچ يىللىق پىلانىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ قۇرۇلغان ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتلىرىنى تاللاپ تۇرغۇزدى. شەندۇڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شەھەرنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا ساقلانغان كەمتۈكلۈكلەرگە قارىتا، كوچا باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى دائىرىلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشقا تۈرتكە بولدى. لياۋنىڭ «پارتىيە ئەزالىرى - ئامما بىر تور بولۇش، مۇلازىمەتتە داڭق چىقىرىش»تىن ئىبارەت پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورگاندا «پارتىيە قۇرۇلۇشى + تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشى» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. چۇڭچىڭ ئىككى يېڭى تەشكىلاتنىڭ «ئىككىنى قاپلاش»تىكى ئاجىز ھالقىلىرىغا قارىتا، مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. گەنسۇ «تۆتنى تۇتۇش، ئىككىنى تۈزەش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تايانچ قوشۇننى تۇتۇپ، بازا قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، تەشكىلىي تۇرمۇشنى تۇتۇپ، ئاساسنى كاپالەتلەندۈرۈشنى تۇتۇپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە «كەنت زومىگىرى» قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى. جياڭشى «پارتىيە قۇرۇلۇشى+ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى» ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنى كۈندىلىك يوقلاش، قەرەللىك زىيارەت قىلىش ۋە قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈمىنى ئورناتتى، يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىشنى دائىملاشتۇردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە ياچېيكىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ بولۇش» مەسىلىسىنى تۈزىدى. خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر مەسىلىنى كۆزلەپ تۇرۇپ تۇتۇش، مەسىلىگە قاراپ تۈزىتىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، مەسىلىنى سىجىل تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش، مەسىلىنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى كۈچەيتىلىپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرى كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاجىز ھالقىلىرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.

− پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنىڭ بىرىنچى مەسئۇللۇق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇندى. پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى «مەسئۇلىيەت ئېتىزى»نى ياخشى تېرىشىغا تۈرتكە بولۇش خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل بايان قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سىستېمىلىق باھالاش، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى ئادا قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. گۇاڭشى پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى)شۇجىسى ۋە بەنزە ئەزالىرى پارتىيە ياچېيكىسى خىزمەت ئالاقە نۇقتىسى تۈزۈمىنى ئورناتتى، تاكامۇللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى باشلامچى بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقە نۇقتىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پارتىيە دەرسى ئۆتۈش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى دائىملاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. جىلىن ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش خىزمەت كومىتېتى قۇردى، پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى بىۋاسىتە تۇتۇپ، شەھەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدا «1 - نومۇرلۇق قۇرۇلۇش»نى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى. تيەنجىن رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ھەر يىلى بازار، كوچىلارنى زىيارەت قىلىش، بازار، كوچا شۇجىلىرى كەنت (مەھەللە)نى زىيارەت قىلىش، كەنت (مەھەللە) «ئىككى كومىتېت» كادىرلىرى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلىشقا تۈرتكە بولدى. جياڭسۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدا شەھەر، ناھىيە، يېزا «شۇجى تۈرى»نى يولغا قويۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش، ئۆگىنىشتە بەسلىشىش، يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، شۇجى باشلامچى بولۇپ ئاتلىنىپ، شەھەر رەھبەرلىرىنى ناھىيە بىلەن ئالاقە باغلاپ نۇقتىغا چېتىش، ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى يېزىلارنى ھۆددىگە ئېلىپ كەنتلەرگە بېرىش، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش ئارقىلىق كەنت (مەھەللە) «ئىككى كومىتېت»نىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشىغا تۈرتكە بولدى. خېبېي، لياۋنىڭ، شەندۇڭ، خېنەن، گۇاڭشى، خەينەن، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق جايلارنىڭ پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى كەنت (مەھەللە) «ئىككى كومىتېت»نىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى ئۆزى سەپەرۋەر قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شۇجىلىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، ياخشى بەنزە قۇرۇشى، ياخشى كەيپىيات يارىتىشى، ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. يۈننەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت تىزىملىكى ۋە يىللىق ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان شەھەرلىك، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنى چاقىرتىپ سۆھبەتلەشتى. خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە دەيدىغان ئىدىيە كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا) شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلاش ئېڭى تېخىمۇ كۈچەيدى، ھەرىكىتى تېخىمۇ ئاڭلىق بولدى، تەدبىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى.

كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: مۇشۇ يىللاردا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ بارغانسېرى ئەمەلىي تۇتۇلۇشى، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشى، ئومۇمىي جەھەتتىن دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغىنى شۇ بولدىكى، خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ «مۇھىم تۇتقا»سى چىڭ تۇتۇلدى، «دىرىژورلۇق تايىقى»نىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەردە سىناققا بەرداشلىق بېرىلدى. كۆپلىگەن شۇجى مۇنداق دېدى: يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش كەسكىن سىياسىي تۇرمۇش، قاتتىق سىياسىي مەشىق بولدى، «ئوخشاش سەھنىدە بەسلىشىش»، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەقىقىي تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش ئارقىلىق، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئاڭلىقلىقى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئىقتىدارى تاۋلاندى، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.