تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى − يېقىشلىق <سۆز>لەر (خەلقئارا نۇسخىسى)» (1 - بۆلۈم) تورغا چىقىرىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي يىڭ) مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى CGTN (جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى) پىلانلاپ ئىشلىگەن ئالاھىدە پىروگرامما «كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى − يېقىشلىق <سۆز>لەر (خەلقئارا نۇسخىسى)» (1 - بۆلۈم) 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن باشلاپ تورغا چىقىرىلدى. پىروگرامما جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چۈشىنىدىغان، مۇناسىپ ساھەدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە چەت ئەللىك سەككىز ئەزىز مېھماننى «سۆھبەتلەشكۈچى» بولۇپ رىياسەتچى بىلەن بىرلىكتە «يېقىشلىق <سۆز>لەردىن ئۆرنەكلەر»توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىش ھەم ئۇنىڭدىن ئورتاقلىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پىروگراممىنىڭ 1 - بۆلۈمى جەمئىي توققۇز قىسىم بولۇپ، دىققەت يېشىل تەرەققىيات، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، يېڭىلىق يارىتىش، سىرتقا ئېچىۋېتىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كۈرەش قىلىش، ئىرادە تىكلەش قاتارلىق توققۇز چوڭ تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن، بولۇپمۇ دىققەت چەت ئەللەردىكى ياش ئاڭلىغۇچىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان «ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش، ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش» قاتارلىق ئاچقۇچلۇق سۆزلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، مۇشۇ ئاساستا شى جىنپىڭنىڭ سۆز قىلغاندىكى ئەسلىي ئاۋازى ۋە قوللانغان ئۆرنەكلەردىن توققۇزنى تاللاپ ئېلىپ، «جۇڭگو - غەرب سۆھبىتى» شەكلى ئارقىلىق، «يېقىشلىق <سۆز>لەردىن ئۆرنەكلەر»نى رىياسەتچى بىلەن چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار سۆھبەت ئۆتكۈزگەن نەق مەيدان كۆرۈنۈشتە سوئال سوراش، جۇڭگو - غەرب سۆھبىتى ۋە كۆرۈنۈشلۈك ھېكايىلەر قاتارلىق ئۈچ يەشمە قاتلامغا قويۇپ ھەم غەربنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغان ئۆرنەكلىرىگە باغلاپ، چەت ئەللىك ئاڭلىغۇچىلار نۇقتىسىدىن ئالاقىدار تېمىدا جۇڭگو مەدەنىيىتى، جۇڭگو ئۆرنەكلىرى ۋە جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى شەرھلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.