تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا تۆھمەت قىلىشقا يول قويمايمىز

□بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ 2 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ئەنۋەر سۇلايمان

پومپېئو، جېڭ گوئېن شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا قەستەن قارا چاپلىدى، بۇ ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپت - بەشىرىسى ۋە رەزىل غەرىزىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىپ بەردى. مەن بۇنداق يالغان - ياۋىداق سۆزلەردىن چەكسىز غەزەپلىنىمەن، ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن.

مەن ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىۋاتقىلى 30 يىل بولدى، بۇ يىللار مابەينىدە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم. مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، ھەر مىللەت خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتۈپ، بۇ مۇنبەت تۇپراقتا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. مېنىڭ ئائىلەممۇ ناھايىتى بەختلىك، چوڭ ئوغلۇم ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزۈپ، خەلقنىڭ چاكىرى بولدى، كىچىك ئوغلۇم ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ، پات ئارىدا دوختۇر بولىدۇ. بۇ بەختلىك تۇرمۇشنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇسى سىجىل ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى خەنزۇ مىللىتى نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى، پومپېئونىڭ ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش» سەپسەتىسى پۈتۈنلەي نومۇسسىزلارچە ئېيتىلغان يالغان - ياۋىداق سۆز.

نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ شىنجاڭدىكى كەڭ يېزا رايونلىرىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدۇم. بىزنىڭ خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ياردەم بېرىپ يۆلەۋاتقان خوشۇت ناھىيەسى نەرىنكېر يېزىسىنىڭ بورت كەنتىنى ئېلىپ ئېيتساق، چارۋىچىلارنىڭ ناھىيە بازىرى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردە تۇرالغۇ ئۆيى بار، پۈتۈن كەنت نامرات كەنت قالپىقىنى ئېلىۋەتتى. بۇ، پارتىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتى دېھقان - چارۋىچىلارغا ئېلىپ كەلگەن كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان ئەمەلىي نەپ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشمۇ «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى» ھېسابلىنامدۇ؟

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە. پومپېئو ئېقىمىدىكىلەرنىڭ جۇڭگونى پارچىلاش ۋە شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش قىلمىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ، مۇقەررەر ھالدا شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولىدۇ. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭى، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىللىق قوينىدا شىنجاڭنىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.