تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

【ئىقتىسادىي ئۇچۇر】 موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تالونىنى ئىشلىتىش يېڭى بەلگىلىمىسى 5-ئايدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تالونىنى ئىشلىتىش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ) بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلۇپ، 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن. «چارە»دە بەلگىلىنىشىچە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تالونىنى كېسىش «بىر ئاپتوموبىل بىر تالون بولۇش پىرىنسىپى»غا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك ئىكەن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تالونىنى ساختا كېسىش قىلمىشى ئۈنۈملۈك چەكلىنىدىكەن. 

   «چارە» سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، بىر ئاپتوموبىلغا بىرقانچە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىرتۇتاش تالونى كېسىپ بېرىشكە بولاتتى، بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى ئۇنى ئاز تاپشۇرۇش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىش بىرتۇتاش تالونىدىن پايدىلىنىپ، ياردەم پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بىرتۇتاش تالونىنى ساختا كەستۈرۈشنى پايدا قوغلىشىش ۋاسىتىسى قىلغان. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تالونىنى ساختا كەستۈرۈش قانۇنسىز قىلمىشىغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى كەسپى تالونىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش  ئۈچۈن، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق، كومىتېت بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇ«چارە»نى بىرلىكتە بېسىپ تارقاتتى.

   «چارە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تالونى تالوننىڭ سول تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجىكىگە «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى» دېگەن خەت بېسىلغان قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونى ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سېتىش بىرتۇتاش تالونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەقەت موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باج تاپشۇرغۇچىلارلا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تالونى كەسسە بولىدۇ، باج تاپشۇرغۇچىلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە تەۋە بولمىغان باشقا تاۋارلارنى ساتقاندا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تالونى كەسسە بولمايدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تالونى كېسىدىغان باج تاپشۇرغۇچى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ھوقۇق بېرىلگەن سېتىش كارخانىسى ۋە باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سودىگىرى قاتارلىق ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ساتىدىغان (نىمكەش ئاپتوموبىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئورۇن ۋە شەخسلەر چوقۇم قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى تالون كېسىش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق تالون كېسىپ بېرىشى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى تالوننى ئىشلىتىشى كېرەك. ئەگەر سېتىۋالغۇچى تەرەپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۆزى ئىشلەتمەكچى بولسا، ئاپتوموبىل جازىسىنىڭ نومۇرىغا ئاساسەن «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سېتىش بىرتۇتاش تالونى»نى كەستۈرۈشى كېرەك؛ ئەگەر سېتىۋالغۇچى تەرەپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سېتىشقا ئىشلەتسە، ئاپتوموبىل جازىسىنىڭ نومۇرى بويىچە تالوننىڭ سول تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجىكىگە «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى» دېگەن خەت بېسىلغان قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونىنى كەستۈرۈشى كېرەك. مەيلى قايسى خىل موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تالونى كېسىلىشتىن قەتئىينەزەر، ھەربىر ئاپتوموبىلنىڭ ئاپتوموبىل جازىسى نومۇرى بىردىنبىر بولغانلىقتىن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تالونىنى ساختا كېسىش ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك توسقىلى بولىدۇ. 

   باج تاپشۇرغۇچى ساتماقچى بولغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن ياسالغان بولسا، ساتقۇچى تەرەپ «چارە» يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى بەلگىلىمە بويىچە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تالونى كەسسە بولىدۇ.

   «چارە»دە شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە خەلققە قولايلىق يېڭى تەدبىرلەر بەلگىلەندى، يەنى باج ئورگانلىرى تالون ئېلىپ ئىشلىتىش جەھەتتە ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى يولغا قويدى، باج تاپشۇرغۇچىلار تالون كەستۈرۈش جەريانىدا تالوننى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ئۈنۈمى قانچە يۇقىرى بولسا، باج ئورگانلىرىنىڭ باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىدىن شۇنچە خاتىرجەم بولىدۇ، ئىشتىن بۇرۇن تالون باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تولۇق، يېتەرلىك مىقداردا تەمىنلىنىدۇ؛ باج تاپشۇرغۇچى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ساتقاندا، قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونى سىستېمىسىدا سېتىۋېلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرى ئاپتوماتىك ئوقۇلۇپ ۋە تالون كېسىلىپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىغا تالون كېسىش ئۈنۈمى ۋە توغرىلىقى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى