تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىزىل گېن، ئىنقىلاب مەشئىلىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، 4- ماي ياشلار بايرىمى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

قىزىل گېن، ئىنقىلاب مەشئىلىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىمىز

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: قىزىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش. 4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا يېتەكلىدى.

بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى «شى جىنپىڭ بىلەن ياش دوستلار» باش تېمىسىدىكى ئىتتىپاق كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چىڭخۇا داشۆسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشلارغا قىلغان ئىلھاملاندۇرۇش سۆزىنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى يەنە «مەن ياشلار ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چۆرىدەپ، «ئىتتىپاقلىشىش − ئۇيۇشۇش» ياشلار دوستلىشىش بىرلەشمە دوستلۇق يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، «ئۆزگىچە ياشلىق − شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ ئىستېمال ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

5 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن باشلاپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىتتىپاق كومىتېتى ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى تەشكىللەپ، 4 - ماي يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ «كىچىككىنە ئارزۇسى»نى توپلاپ، قىيىنچىلىقى بار 400 ياش - ئۆسمۈرنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان «ياشلىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى كىچىككىنە ئارزۇ» پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ياشلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ھەم «ئىتتىپاقلىشىش . ئۇيۇشۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزالىرى ياشلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇردى.

«مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىردىم، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن...» 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 3 - ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر مەيدان مەركەزلىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، يېڭى ئىتتىپاق ئەزالىرى ئوڭ مۇشتىنى تۈگۈپ، تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق كومىتېتلىرى 2060 يېڭى ئىتتىپاق ئەزاسىنى مەركەزلىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇردى.

4 - ماينىڭ ئالدىنقى كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى مەكتەپلەردىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش شەكلىدە «پارتىيەگە يۈرەك سۆزۈمنى ئېيتىمەن» يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئىتتىپاق ئەزالىرى پارتىيە تارىخى ھېكايىلىرى، ئەتراپىدىكى تىپلار ھەم يېزا - كەنتلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى چۆرىدەپ، قىزىل ئىنقىلاب، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ، پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى ياشلارنىڭ مۇستەھكەم غايە - ئېتىقادى ۋە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

«ئۆسمۈرلەر پاراسەتلىك بولسا دۆلەت ئاقىل بولىدۇ، ئۆسمۈرلەر روناق تاپسا دۆلەت بېيىيدۇ، ئۆسمۈرلەر كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ...» 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى تۇڭشىن مەيدانىدا، لوپنۇر ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار «ئۆسمۈر جۇڭگو ھەققىدە»نى بىرلىكتە دېكلاماتسىيە قىلدى، جاراڭلىق ھەم ھېسسىياتلىق دېكلاماتسىيە ئاۋازى ۋە «فاڭخۇا» ناملىق ئۇسسۇل بىر يارقىن مەنزىرە لىنىيەسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ قېتىمقى دېكلاماتسىيە قىلىش كۇەيشەن پائالىيىتى «ياش قەلبلەر پارتىيەگە تەلپۈنۈش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» 4 - ماي يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنى 4 - ماي روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى قوشۇشقا يېتەكلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.