□گاۋ ۋا
باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغان چاغ دەل باھار سەيلىسى قىلىدىغان ياخشى مەزگىل. «1 - ماي» مەزگىلىدە، كۆڭۈللۈك دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ، لېكىن يەر شارىۋى يۇقۇم يەنىلا تېز يامراۋاتىدۇ، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېسىمى يەنىلا ناھايىتى زور، بىز بوشىشىپ قالساق، بىپەرۋالىق قىلساق ھەرگىز بولمايدۇ.
ئۇزاقتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى ۋە كېڭەيتتى. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرى تەستە قولغا كەلگەن، بىز غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن، شۇڭا ئۇنى ئالاھىدە قەدىرلىشىمىز كېرەك.
«1 - ماي» مەزگىلىدە، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشچانلىقى چوڭ بولۇپ، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىرادىمىز ۋە ئەقىل - پاراسىتىمىزنى تېخىمۇ سىنايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، ھەممە ئادەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئاڭلىق ياخشى ئىشلىشى كېرەك. سىرتلاردا پائالىيەت قىلغاندا، ئىلمىي يوسۇندا ماسكا تاقاپ، باشقىلار بىلەن بىر مېتىردىن ئارتۇق بىخەتەر ئارىلىق ساقلاش كېرەك؛ مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ سەيلە قىلغاندا، مەنزىرە رايونىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە ماسلىشىش، ئالدىن كېلىشىش، توپلىشىۋالماسلىق، يىغىلىۋالماسلىق كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساياھەت، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سورۇنلىرى تۈرلۈك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە ئەلالاشتۇرۇشى، جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىشتا كۈچلۈك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
يۇقۇم تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق، ھوشيارلىقنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆتكىلىنى ياخشى تۇتۇپ، ھەممە ئادەم چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغاندىلا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى «1 - ماي»دىكى دەم ئېلىشنى خۇشال، مەنىلىك، بىخەتەر ئۆتكۈزەلەيدۇ.
(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.net)